مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ شىنجۇ بىرىنچى سوتتا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2019.05.16 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ شىنجۇنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار فېڭ شىنجۇغا پارا ئېلىش جىنايىتى ئۈچۈن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى ھەمدە 7 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى؛ فېڭ شىنجۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئېرىشكەن ھارام پۇللىرى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. فېڭ شىنجۇ سوتتا ھۆكۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، نارازىلىق ئەرزى بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، 1999-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، جاۋابكار فېڭ شىنجۇ شەنشى «بادا» ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، تۇڭچۈەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى، ج ك پ «تۇڭچۈەن» شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ياڭلىڭ يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىق ۋە خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تۈرگە مەبلەغ سېلىش، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، مەبلەغ قەرز ئېلىش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بەرگەن، يۇقىرىقى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر بەرگەن پۇل-مالنى بىۋاسىتە ياكى باشقىلار ئارقىلىق قوبۇل قىلغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 70 مىليون 470 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

  خاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار فېڭ شىنجۇنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇپ، قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. فېڭ شىنجۇ ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلەپ بولالمىغان كۆپ قىسىم پارا ئالغان جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە توۋا قىلغانلىقىنى، ھارام پۇل-مالنى ئاكتىپ قايتۇرغانلىقىنى، ھارام پۇل، ھارام مالنىڭ پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بەرسە بولىدۇ. سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ