مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو ئەمدى 2023-يىلىدىكى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىردىنبىر دۆلەت بولدى

2019.05.16 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 15- چېسلا ھۆكۈمەت تورىدا 2023- يىلىدىكى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەقەت جۇڭگو ۋە كورىيەلا 2023- يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان. ئەمدى بۇ جۇڭگونىڭ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ساھىپخانلىقىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كورىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە رەسمىي خەت ئەۋەتتى، خەتتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2023-يىلى يەنە ئەرلەر پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە ئاياللار پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى دېگەندەك مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغاچقا، بىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئىستراتېگىيە جەھەتتە پۈتۈن زېھنىمىزنى 2023- يىلىدىكى ئاياللار پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشنى قارار قىلدۇق، شۇڭا كورىيە پۇتبول جەمئىيىتى 2023- يىلىدىكى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 3- ئايدا ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە 2023- يىلىدىكى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ پىلانى بويىچە، بۇ يىل 6- ئايدا پارىژدا ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئالاھىدە قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلۈپ، بارلىق ۋەكىللەر بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىپ، 2023- يىلى ئاسىيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاينى قارار قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ