مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

2-تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشتىكى «قايتا تەكشۈرۈش» خىزمىتى تاماملاندى: 21 مىڭدىن ئارتۇق پاش قىلىش دېلوسى قوبۇل قىلىندى، 2 مىليارد 460 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى

2019.05.16 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا لياۋنىڭ، جىلىن، سەنشى، شەنشى، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، سىچۈەن ۋە گۈيجۇ قاتارلىق 10 ئۆلكىگە "قايتا تەكشۈرۈش" پىكرىنى ئىنكاس قىلغان. 5- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ 2- تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىشتىكى «قايتا تەكشۈرۈش»كە ئىنكاس قايتۇرۇش خىزمىتى تولۇق تاماملاندى.

  2- تۈركۈمدىكى «قايتا تەكشۈرۈش»كە ئىنكاس قايتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى مەركەزنىڭ 1- نۆۋەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ۋە «قايتا تەكشۈرۈش»نىڭ تولۇق تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش ۋە «قايتا تەكشۈرۈش»تە ئامما پاش قىلغان دېلولاردىن جەمئىي 212 مىڭدىن ئارتۇقى قوبۇل قىلىندى، تەكرار پاش قىلىشتا قوشۇپ تەكرار پاش قىلىنغاندىن كېيىن، جايلارغا 179 مىڭى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، مۇتلەق كۆپ قىسمى بېجىرىلىپ بولدى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى دېلولىرىدىن 150 مىڭى بىۋاسىتە ھەل قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇنغا دېلو تۇرغۇزۇپ جازا بېرىلدى، 2 مىليارد 460 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؛ 2303 دېلونى دېلو ئېچىپ تەھقىقلىدى، 2264 ئادەمنى مەمۇرىي ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى. 1- تۆۋەتلىك نازارەت قىلىش ۋە «قايتا تەكشۈرۈش»تە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدىن 509ى ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. نۆۋەتتە، 1- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىشتا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مەسىلىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تاماملاندى. ھازىر ئىككىنچى تۈركۈمدىكى «قايتا تەكشۈرۈش»نىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلماقتا. 1- نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش ۋە «قايتا تەكشۈرۈش» ئارقىلىق يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ئۈنۈملۈك چىڭىتىلىپ، «پۇقرالار ئالقىشلاش، مەركەز مۇئەييەنلەشتۈرۈش، يەرلىك قوللاش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش»تەك كۆرۈنەرلىك ئۈنۈملەر ھاسىل قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ