مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىشەنچى قەيەردىن كەلگەن؟» دېگەن قىسقا مۇلاھىزىسى

2019.05.16 15:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  قىسقا مۇلاھىزىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكىلىقى، بازار يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئىمكانىيىتى زور، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى يېتەرلىك.

  جۇڭگو ئىقتسىادىنىڭ ئىشەنچى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن، دۇنيادىكى 1-چوڭ بازارنىڭ كەڭ بوشلۇقى ۋە غايەت زور نوپۇس، ئىختىساسلىقلار پايدىسىدىن كەلگەن. جۇڭگو ئىقتىسادى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس، 900 مىليون ئەمگەك كۈچى بايلىقى، 170 مىليوندىن ئارتۇق ئالىي مائارىپ ياكى كەسىپىي تېخنىكا ماھارىتىگە ئىگە ئىختىساسلىق خادىم، 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبېكىتى قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ سېلىشتۇرۇشى ۋە تەقلىد قىلىشى تەس بولغان غايەت زور بازارغا، ئىنتايىن چوڭ ئىستراتېگىيىلىك چوڭقۇرلۇق ۋە سىجىل، كۈچلۈك ئىچكى ئىھتىياج ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 90 تىرىليون يۇەندىن ئاشىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقىسادى گەۋدىلەر ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئىچكى ئىھتىياج تاشقى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى پۇختا ئاساسقا ئايلىنىپ، قۇرۇلمىنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىشەنچى سىجىل، ئۈزلۈكسىز ھەمدە مول ئۈنۈملۈك ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتىن كەلگەن. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، «يېڭى تۆتلەشتۈرۈش» نىڭ تەڭ قەدەملىك تەرەققىياتىدا يېڭى بىلەن كونا قۇۋۋەتنىڭ زور ئالمىشىشىدا، جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، ئېشىشنىڭ يېڭى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتماقتا، يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگو ئىقتىسادىنى يېتەكلەپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى باسقۇچقا كىردى.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىشەنچى توسۋالغىلى بولمايدىغان ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش دولقۇنىدىن كەلگەن. يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدا جۇڭگو پائال ۋە تەشەببۇسكار ھالەت بىلەن دۇنياغا سىڭىپ كىردى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو لىنىيە بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنىڭ داغدام يولىنى ئاچتى. جۇڭگو ھەر تەرەپلىمىلىك ئېچىۋېتىشنى يولغا قويدى، ئەزەلدىن مەلۇم بىر دۆلەت ياكى رايونغا تايانمىدى، گەرچە بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىئونلىرى دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىش غەرىزىدە بولسىمۇ، تومۇزغا ئېففېكتى بىر مەھەل يۈز بەرسىمۇ، ئەمما تەتۈر يەر شارىلاشتۇرۇشتەك تەتۈر ھەرىكەت قىلىش ئاخىرىدا تارىخ چاقى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىشەنچى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ ئۆزگىچە تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن كەلگەن. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر يۈرۈش مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرۇپ، خىلمۇ-خىل خەۋپ ۋە خرسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات كۈچلۈك قەدىمىنى تاشلاپ، «دەۋرگە يېتىشۋېلىشتىن» «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش» تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  بۈگۈنكى جۇڭگو يېتەرلىك ئىشەنچ ۋە تۇراقلىق كۈچكە ئىگە بولدى، تېخىمۇ يېتەرلىك شارائىت ۋە ئىقىتىدارغا ئىگە بولدى، خىلمۇ خىل خەۋپ ۋە خىرسلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى يېتەكلەپ داۋاملىق مۇقىم ئىلگىرىلەيدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ سودا سۈركىلىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەرلىك ۋاستىسى، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇقى بار ھەم ئىستراتېگىيىلىك سۆزلىشەلەيدۇ. سودا جېڭى جۇڭگونى يېڭەلمەيدۇ. ئەكسىچە، جۇڭگو تاۋلىنىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ