مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سودا سۆھبىتىگە كۆلەڭگۈ چۈشتى، مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي ئامېرىكىدا

2019.05.16 15:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئامېرىكا جۇڭگو ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلغان 200مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋاردىن %25 تامۇژنا بېجى قوشۇپ ئالغاندىن كېيىن يەنە قالغان جۇڭگو ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان 325 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋاردىن %25 تامۇژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەرنى باشلايمىز، دەپ داۋراڭ سېلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 11-نۆۋەتلىك ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىنىڭ نەتىجىسىگە پۈتۈنلەي پەرۋا قىلمىدى. بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن بېسىم ئىشلىتىش كېڭىشىشكە يەنىمۇ كۆلەڭگۈ پەيدا قىلىپ، كېڭشىشكە تۇسالغۇ پەيدا قىلدى.

  بىر مەيدان باشلىقلار ئۇچرىشىشى، 11 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭشىشى، ئۈچ قېتىملىق ئىككى تەرەپ باشلامچىلىرىنىڭ تېلفونلىشىشى شۇنداقلا كۆپ قېتىملىق مۇئاۋىن مىنستىر دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى، تېلفونلىشىشلارغا جۇڭگو-ئامېرىكا كوللېكتىپلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز دېمەي، تىنچ ئوكيان ۋاقىت پەرقىنى ھالقىغان كېڭشىش مۇساپىسى گۇۋاھ، شۇنداقلا بۇ شۇنى ھەقىقىي خاتىرلىدى: كېم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى؟ جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى قۇشۇمچە دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ۋىي جيەنگو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا: جۇڭگونىڭ مەيدانىنىڭ چېكىنىشى پۈتۈنلەي تەتۈر تەستەك سالغانلىق، دېدى. ئەكىسچە، ئالدىنقى توققۇز قېتىم سۆھبەتلىشىلگەن مەزمۇنلارنى ئامېرىكا لەۋزىدە تۈرماي، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، گېپىدە تۈرماي، ئاخىرىدا يولسىزلىق بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.

  دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ «ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشى»دىن يۈز ئۆرىگەنلىكى توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئىچكى ئەھۋالنى ئاشكارلىدى. جۇڭگو تەرەپ كوللېكتىپى يەنىلا ئامېرىكىغا بېرىپ كېڭىشىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق ھەرىكىتى بىلەن ئېختىلاپنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۈشتەك ئەڭ زور سەمىمىيىتىنى نامايەن قىلدى. ئەمما، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم چىقارغاندەك قىلىدۇ، ئۇلار داۋاملىق كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ، تەلەپنى يۇقىرىلىتىۋاتىدۇ. جۇڭگو بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئېنىق قارشى تۇرىدۇ، بۇنى قەتئىي توسىدۇ.

  كېڭشىش بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، تەكرار-تەكرار سۆھبەتلىششى ئادەتتىكى ئىش. سودا زومىگەرلىكى بىلەن مەقسىتىمگە يېتىمەن، دېيىش جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى ھەقىقەتەن تۆۋەن مۆلچەرلىگەنلىك. 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىقتىساد-سودا كېڭشىشىدىن كېيىن، جۇڭگو: كېلىشىم باراۋەرلىكتە ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا بولۇشى كېرەك، زور پرنسىپال مەسىلىلەردە ھەرگىز يول قويمايمىز، دەپ تەكىتلىدى. ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسى تەتقىقات ئورنى خەلقئارا سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دۇڭ يەن مۇنداق دېدى: تارىخى تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، باشقا دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئامېرىكا تەلەپ قويغاندىن باشقا، ئۆزىنىمۇ مۇناسىپ تەڭشىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. جۇڭگونىڭ غەيرى تامۇژنا بېجى ۋاستىسىنى تەكىتلىشى جۇڭگونىڭ تەلىپى بولۇپلا قالماستىن يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سودىدىكى نامۇۋاپىق تەلەپكە قارىتا چىقارغان ئاقىلانە تاللىشى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ