مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ مۇھىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىدۇ

2019.05.16 15:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرېسا ماي بۈگۈن ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ مۇھىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىدۇ، ئارقىدىن ئىستېپا بېرىشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن. كەسىپى ئەربابلار تەھلىل قىلىپ، بۇ ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى»غا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ، دېدى.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى برېد يېقىندا مۇنداق دېگەن: تېرىسسا ماي 5-ئاينىڭ 15-كۈنى مەن بىلەن كۆرۈشكەندە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن. ئۇ: ھۆكۈمەت بىلەن ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە لىبۇروسلار پارتىيەسىنىڭ «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبىتىدە قاتمۇقات قىيىنچىلىقلار بار، ئىككى تەرەپ مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمايدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى تەشكىلاتى «1922 كومىتېتى»نىڭ رەئىسى برېد ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە خېلى تەسىر كۈچىگە ئىگە،ئۇ ئىلگىرى تېرىسسا مايغا ئەڭ كېچىككەندە 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش تەكلىپىنى بەرگەن .

  ترېسا ماي ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمى ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى، «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ۋاقتى ئەسلىدىكى 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەنگلىيەنىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىدىغان ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشمىسا بولمايدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى، چۈنكى «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

  ترېسا ماي 3-ئاينىڭ 27-كۈنى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىغا «ياۋروپا ئەللىرىئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلسىلا مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.، «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇساپىسى توختاپ قالدى، ترېسا ماي دۇچ كەلگەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىش بېسىمى كۈنسېرى ئېغىرلاشتى. كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ئۇنى «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى، دەپ ئەيىبلىدى.

  بەزى خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلدى: تېرېسا ماي ئاللاقاچان قارار قىلىپ بولدى. ئۇنىڭ باياناتچىسى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق دېدى: ترېسا ماي ۋەدىسىدە تۇرۇپ، «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نىڭ « بىرىنچى باسقۇچلۇق» ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ. بۇ باياناتچى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ترېسا ماي «ياۋروپا ئەللىرىئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نىڭ «1-باسقۇچلۇق» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، كېيىن يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋەزىر « 2-باسقۇچلۇق» مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ۋاقىت جەدۋىلى، ئۇ «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» نى ئۈمىد قىلىدۇ.

  رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى خامود يېقىندا «تېرىسا ماي ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى ماقۇللىسا، ئۇ چوقۇم ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدۇ» دېگەن. خامود يەرلىك تاراتقۇلارغا: تېرىسا ماي ئېغىزىدىن چىققىنىنى چوقۇم قىلىدۇ، تېرىسا ماينىڭ تېزدىن تەخىتتىن چۈشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنىڭ كېلىشىمىگە قوللاپ ئاۋاز بېرىشى كېرەك، دېگەن.

  تېرىسا ماي قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن 4-ئاينىڭ بېشىدا مۇرەسسە قىلىشنى تاللاپ، ئۆكتىچى پارتىيە لىبورىستلار پارتىيەسى بىلەن «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمى»نىڭ مۇراسسە قىلغاندىن كېيىنكى نۇسخىسىنى مەسلىھەت قىلدى. لېكىن ئىككى تەرەپ ھازىرغىچە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىدى.

  لىبورىستلار پارتىيەسى باياناتچىسىنىڭ سۆزى بويىچە، كېڭىشىش باشلانغاندىن ھازىرغىچە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يېتەرلىك ئۆزگەرتىش قىلمىغان، لىبورىستلار پارتىيەسى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ھاخىشىنى بېكىتىشى كېرەككەن.

  تېرىسا ماي بۇ ھەقتە توختىلىپ: ھۆكۈمەت كېڭىشىشتە ئىلگىرىلەش ھاسل قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، بىز لىبورىستلار پارتىيەسى بىلەن كېڭىشىۋاتىمىز، بىز پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدىكى كۆپ قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغان كېلىشىم ئۈستىدە كېڭىشىۋاتىمىز، دېدى.

  رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا، لىبورىستلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كوربىن «تېرىسا ماي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسىدە لىبورىستلار پارتىيەسىگە ھېچقانداق چوڭ لايىھە تاپشۇرمىدى» دېگەن.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ھازىرغىچە سۆھبەتتە ھېچقانداق زور لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى، قىزىل سىزىق يەنىلا مەۋجۇت، ئەمەلىيەتتە، پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىش ناھايىتى قىيىن، چۈنكى كابېنت مىنىستىرلىرىنىڭ ھەممىسى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقارماستىن ئەكسچە ۋارىسلىق ھوقۇقىنى تالىشىۋاتىدۇ، ئەگەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسىدە ھەر قانداق بىر بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئويلىسا، ئۇنداقتا تېرىسا ماي چوقۇم ئۆزىنىڭ قىزىل سىزىقىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ئەگەر بىز سەپلىمە پىلان ياكى چوڭ سايلام ھەققىدە ئاقىلانە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىساق، ئۇنداقتا لىبورىستلار پارتىيەسى بۇنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى قوللايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ