«گۈزەل ئاسىيا − ئاسىيا مەدەنىيلىكى كۆرگەزمىسى» بېيجىڭدا باشلاندى

2019.05.14 16:40 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى، تاماشىبىنلار «گۈزەل ئاسىيا- ئاسىيا مەدەنىيلىكى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  شۇ كۈنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان «گۈزەل ئاسىيا − ئاسىيا مەدەنىيلىكى كۆرگەزمىسى» بېيجىڭدىكى جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدا باشلاندى. بۇ كۆرگەزمە ئاسىيا مەدەنىيلىكى سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 400 دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ