مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىدۇ

2019.05.14 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى «2019-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر 24 ئۆلكىدە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى تاماملانغان، قالغان يەتتە ئۆلكىدە شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى بىلەن يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالىتى يەنىلا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. «ئۇقتۇرۇش»تا نۇقتىلىق ھالدا شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالىتى تېخى تولۇق بىرلەشتۈرۈلمىگەن، بىرلىككە كەلمىگەن رايونلارغا قارىتا بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى تېزلىتىپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ بىرلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈلۈشىدىن بىرلىككە كەلگەن ئاھالىلەر داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىگە ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېنىق تەلەپ قىلىنغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۈزۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى مۇستەھكەملەپ، داۋالىنىش كاپالىتىگە قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ ھازىرقى سەۋىيەدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كاپالەتكە قاتناشقانلارنىڭ ئۇدا مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش لازىم؛ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، بالىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كاپالەتكە قاتنىشىشىنى تىزىملاش ۋە ھەق تاپشۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكرار كاپالەتكە قاتنىشىشتىن ساقلىنىش لازىم؛ باشقا داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىرى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى بويىچە قاپلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ ئالاھىدە مەسىلە، ئالاھىدە سىياسەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، تۈزۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ، تەمىنات كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پان پاراۋانلىق خاھىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۇقتۇرۇشتا يەنە قاپلاش دائىرىسى، مەبلەغ توپلاش سىياسىتى، كاپالەت تەمىناتى، داۋالىنىش كاپالىتى مۇندەرىجىسى، نۇقتىلىق باشقۇرۇش، فوند باشقۇرۇشتىن ئىبارەت «ئالتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئاساسىدا، بېجىرىش مۇلازىمىتى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈرۈشۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈزۈمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ ئادىل كاپالەتلەندۈرۈش، فوندنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل باشقۇرۇش، باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئاساسىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ