مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شاۋچۈننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2019.05.14 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ماي چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مالىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شاۋچۈننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار جاڭ شاۋچۈنگە پارا ئېلىش جىنايىتى ئۈچۈن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ھەمدە 6 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى؛ جاڭ شاۋچۈن پارا ئېلىپ ئېرىشكەن پۇل-مال ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

  سوت قىلىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 1995-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، جاۋابكار جاڭ شاۋچۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مىنىستىر ياردەمچىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە مۇئاۋىن مىنىستىر قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقى، ۋەزىپىسىدىن شەكىللەنگەن قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى ھەرىكەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كارخانا تىجارىتى، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، قانۇنسىز ھالدا جەمئىي 66 مىليون 980 مىڭ 81 يۈەن خەلق پۇلىنى قوبۇل قىلغان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار جاڭ شاۋچۈننىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاڭ شاۋچۈن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلەپ بولالمىغان بىر قىسىم پارا ئالغان جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە توۋا قىلىپ، ھارام مالنى ئاكتىپ قايتۇردى، ھارام پۇل، ھارام مالنىڭ پۈتۈنلەي قايتۇرۇلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قانۇن بويىچە يېنىك جازا بەرسە بولىدۇ، دەپ قاراپ، سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ