مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمال كۆلىمى تەخمىنەن 5 تىرىليون يۈەنگە يەتتى

يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى تېز مەيدانغا كەلدى، تور ئىچى ۋە تور سىرتىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى

2019.05.14 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 13-چېسلا نىڭشيانىڭ يىنچۈەن شەھىرىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇمشاق دېتال مۇلازىمەتچىلىكى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمال كۆلىمى بىلەن سۈپىتى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈلۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلىغاندا، 2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمال كۆلىمى تەخمىنەن 5 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئېشىپ، GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، ئاخىرقى ئىستېمال ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 تىن ئاشقان.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇمشاق دېتال مۇلازىمەتچىلىكى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمالى ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش جانلىنىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە تېز بارلىققا كېلىپ، تور ۋە تور سىرتىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ، مۇقىم ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان. ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلەشكەن، بۇلتۇر يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالاقە تورىدا ئۇچۇرلاشقان كارخانا 400 مىڭدىن ئاشقان.

  نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر ئىستېمالى تەرەققىياتىدا تۆۋەندىكى يېڭى ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى: ئۇچۇر ئىستېمالى ئېھتىياجى كۈچلۈك قويۇپ بېرىلدى، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئۇچۇر ئىستېمالى توپى تېز قەد كۆتۈردى، تىرەك ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ھەق تۆلەش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

  يىغىندا مۇنۇلار ئاشكارىلاندى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 2018-يىلى تۇرمۇش تۈرى، جامائەت مۇلازىمىتى تۈرى، كەسىپ تۈرىدىكى ئۇچۇر ئىستېمال مۇلازىمىتى ۋە يېڭى تىپتىكى ئۇچۇر ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە يۈزلىنىپ، 100 يېڭى تىپتىكى ئۇچۇر ئىستېمالى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى تاللاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارچە سېتىش، رەقەملىك ئىجادىيەت، قىسقا كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش، قوللىنىشنى يېتىلدۈرۈپ، كارخانىلارنى داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، كۆپ قاتلاملىق خاس ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك قاندۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئىستېمالىنىڭ ئۇچۇر ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %46.8 كە يەتكەن، قىسقا كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىق يېڭىدىن قوللىنىشچان دېتاللارنىڭ تور ئەھلىگە تارقىلىش نىسبىتى %70 تىن ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ