خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ماي، خېبېي ئۆلكىسى ساڭجۇ شەھىرى شىنخۇا رايونى ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق مەھەللىدە، بىر كىچىك دوست «60 ياشلىق ئانا»سىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى.
5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئانىلار بايرىمى، خېبېي ئۆلكىسى ساڭجۇ شەھىرى شىنخۇا رايونى ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق مەھەللىدە «ئانا بولۇش ئاسان ئەمەس، ئانىڭىز قېرىغاندا . . .» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. مەھەللىدىكى ياش بەش ئانىغا 60 ياشقا كىرگەن سىياقتا گىرىپ قىلىنىپ، «زامان-ماكاندىن ھالقىغان ھالدا» بالىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بالىلارغا ئانىلارنىڭ بالا بېقىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇردى ۋە ئاپىسى بىلەن بىللە ئۆتكەن ۋاقىتنى قەدىرلەش تەربىيەسى بېرىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ