مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بۇلتۇر تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات خىراجىتى 1 تىرىليون 965 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى

ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سىجىل قويۇپ بېرىلدى

گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى جاۋ يۇڭشىن، يۈ جيەنبىن

2019.05.13 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە ئەۋزەللىكىنى قوشماقتا.

  بۇ يىل 1-پەسىلدە، بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈن دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى: كۆلەمدىن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئاشتى. پەن-تېخنىكا كىرىمى بىر قەدەر تېز ئاشتى، پەن-تېخنىكا كىرىمى 217 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.7 ئاشتى؛ ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر، ئىلغار ياسىمىچىلىق ساھەسى، يېڭى ماتېرىيال ۋە ئۇنى قوللىنىش تېخنىكىسى قاتارلىق نۇقتىلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ساھەلىرىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %17.4، %11.4، %11.3 ئاشتى؛ كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكا سېلىنمىسى جانلاندى، كارخانىلارنىڭ تەتقىقات-تەرەققىيات خىراجىتى 50 مىليارد 840 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.9 ئاشتى.

  بۇ، پەن-تېخنىكىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى مەشئەل مەركىزىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، ئېلىمىزدىكى 168 يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمى 4 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئاشقان؛ ئەمەلىيەتتە باج تاپشۇرۇش ھەققى 290 مىليارد 960 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئاشقان؛ تىجارەت كىرىمىنىڭ پايدا نىسبىتى %6.1 بولغان؛ باغچا رايونىدا يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كارخانا 46 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئېشىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سىجىل جانلانغان. 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە سالغان مەبلىغى 441 مىليارد 960 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 1.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكا دۆلەتنىڭ ئۆتكۈر قورالى، دۆلەت ئۇنىڭغا تايىنىپ قۇدرەت تاپىدۇ، كارخانا ئۇنىڭغا تايىنىپ پايدا ئالىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۇنىڭغا تايىنىپ ياخشى بولىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  ____ تەتقىقات سېلىنمىسى سىجىل ئاشتى.

  تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات (R&D) خىراجىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ R&D تەجرىبە تەرەققىيات خىراجىتى سېلىنمىسى 1 تىرىليون 760 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ تەجرىبە تەرەققىيات R&D خىراجىتى سېلىنمىسى (تەجرىبە تەرەققىيات R&D خىراجىتى بىلەن مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى) %2.13كە يەتتى. 2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ تەجرىبە تەرەققىيات R&D چىقىمى 1 تىرىليون 965 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە، سېلىنما سىجىللىقى %2.18كە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى قۇرۇلمىسى سىجىل ياخشىلىنىپ، بايلىق تەقسىملەش يەنىمۇ ئەلالاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ