مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى (خەينەن)نى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.05.13 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى (خەينەن)نى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى (خەينەن)نى يولغا قويۇش لايىھەسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۇنىۋېرسال سىنىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ۋە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «بىرلىككە كەلگەن قېلىپلاشقان دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»گە ئاساسەن، بۇ يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى. (تولۇق تېكىستىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ