مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

4-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى باشلاندى

2019.05.13 15:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  4-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو شەرقى رايون-غەرب رايون ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى شىئەندە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى كۆرگەزمىسىدە «يېڭى دەۋر، يېڭى ئەندىزە، يېڭى تەرەققىيات»باش تېما قىلىنغان، رۇسىيە، كامبودژا ئاساسلىق مېھمان دۆلەتلەر، جىلىن ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە (شەھىرى)، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خەنجۇڭ شەھىرى باش تېما شەھىرى بولدى.

  2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول»خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى كۆرگەزمىسىدە باش تېما مۇنبىرى، مۇھىم يىغىن، مەبلەغ سېلىش سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، مېھمان دۆلەتلەر پائالىيىتى قاتارلىق ئالتە چوڭ بۆلەك بويىچە 30 نەچچە مەيدان پائالىيەت ۋە ئالاقىدار كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار كۆرگەزمە مەزگىلىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم پائالىيەت سۈپىتىدە، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقنى ئازايتىش خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىنى جۇڭگو تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو كۈچىنى ئاتا قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ