جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنلىڭدىكى بىر دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلى يانچە ئۆرۈلۈپ 12 كىشى ئۆلۈپ، 11 ئادەم يارىلاندى

2019.05.13 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنلىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، 12-ماي ۋېنلىڭ شەھىرى سۇڭمېن بازىرىدا دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان بىر ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ھازىرغىچە 12 ئادەم ئۆلۈپ، 11 ئادەم يارىلانغان.

  12-ماي سائەت 13 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋېنلىڭ شەھەرلىك 110 قوماندانلىق مەركىزى سۇڭمېن بازىرىنىڭ گەنجياۋشەن تېغىدىكى تاغ يولىدا بىر دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان. ھازىرغا قەدەر، ھادىسىدە 12 ئادەم ئۆلگەن (بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن، تۆت ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن)، 11 ئادەم يارىلانغان، يارىلانغانلار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

  ھازىر ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، كېيىنكى باشقا ئىشلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى، تەيجۇ دوختۇرخانىسىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرى شۇ جايغا بېرىپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا ياردەملىشىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ