مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى يەنە ئۆستۈرۈلىدۇ

ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %50 تىن %60 كە ئۆستۈرۈلىدۇ

2019.05.13 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە يېقىندا «2019-يىللىق شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، تەمىنات كاپالىتى سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىياسىتى دائىرىسىدە ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى %50تىن %60كە ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2019-يىلى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەبلەغ غەملەش ئۆلچىمى ئومۇمىي جەھەتتىن 60 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يېڭىدىن 30 يۈەن كۆپەيتىلىپ، ھەر بىر ئادەمگە ھەر يىلى 520 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ، يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە ياردىمىنىڭ يېرىمى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، يەنى 2018- يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەبلەغ غەملەش ئۆلچىمى ئاساسىدا 15 يۈەن كۆپەيتىلىدۇ؛ شەخسنىڭ ھەق تاپشۇرۇشى ماس قەدەمدە 30 يۈەن كۆپەيتىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭىدىن كۆپەيگەن مەبلەغ غەملەش بىر تەرەپتىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسەت دائىرىسىدە كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنىڭ ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملەش ۋە چىقىم قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت قاتارلىق ئامبۇلاتورىيە دورىلىرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىش كېرەك.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۇل تۆلەش سىزىقىنى تۆۋەنلىتىپ ھەمدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالدىنقى يىللىق ئاھالىلەر ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %50ى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ سىياسەت دائىرىسىدە ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %50تىن %60كە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ نامرات ئاھالىلەرگە بولغان چىقىم قىلىشقا مايىللىشىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، چىقىم قىلىش سىزىقىنى %50 تۆۋەنلىتىش، چىقىم قىلىش نىسبىتىنى بەش پىرسەنت پوئىنت ئۆستۈرۈش ئاساسىدا ئەڭ يۇقىرى چەكنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ