مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جۇڭگو ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى __

يادرو سانائىتى بۇ يەردىن باشلانغان

2019.05.10 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىمىز تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلاتتى؛ 1967-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى ۋودورود بومبىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز يەنە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى __ چىنشەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، 3 -ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى __ خۇالۇڭ 1-نومۇرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ۋە قۇرۇشقا باشلىدى ... دۆلىتىمىز ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇكەممەل يادرو سانائىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

  بۇ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەن-تېخنىكا تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  «بىر رېئاكتور، بىر ئايلانما تېزلەتكۈچ» ئېلىمىزنى ئاتوم ئېنېرگىيەسى دەۋرىگە ئېلىپ كىردى

  «ئاۋۋال ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى، ئاندىن يادرو سانائىتى بارلىققا كەلگەن». 1950-يىلى قۇرۇلغان ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى يادرو پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئاپپاراتى، ئېلىمىز يادرو پەن-تېخنىكىسىنىڭ باشلامچى، ئۇللۇق، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئۇنىۋېرسال تەتقىقات بازىسى بولۇپ، ئېلىمىز يادرو سانائىتىنىڭ «بۆشۈكى» دەپ تەرىپلەنگەن. يېقىنقى 70 يىلدىن بۇيان، ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئىككى بومبا، بىر كېمە» تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشتى، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، نەچچە ئون مىڭلىغان يادرو پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردى ۋە يەتكۈزدى. دۆلەت تەقدىرلىگەن «ئىككى بومبا ، بىر سۈنئىي ھەمراھ» تۆھپە مېدالىغا ئېرىشكەن 23 كىشى ئىچىدە يەتتە كىشى بۇ يەردە تۆھپە ياراتقان؛ ئىككى ئاكادېمىكنىڭ 67 ئاكادېمىكى ئىلگىرى-كېيىن بۇ يەردە ئۆگىنىش ياكى خىزمەت قىلغان، مۇشۇنىڭ بىلەن يادرو پەن-تېخنىكىسىدىكى ئون نەچچە تايانچ ئورۇننى بارلىققا كەلتۈرۈپ ياكى ياردەم بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ يادرو پەن-تېخنىكا ئىشلىرى ۋە يادرو سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغان.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ