مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: 2020-يىلى «مۇردا كارخانا»لارنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش تاماملىنىدۇ

2019.05.10 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «2019-يىللىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى چۈشۈرۈپ، 2019-يىلى پولات-تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق ساھەلەرنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مۇردا كارخانىلار» نى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلىتىپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  1. 2019-يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش باش تەلىپىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك.

  2. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمەت ھېساباتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمەت تەجرىبىسى ۋە تىپىك دېلو مىساللىرىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

  3 . پولات-تۆمۈر كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ساقلانما مىقدارنى تەڭشەش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

  4. چوڭ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشلىتىش، كىچىك گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تاقاش، ياخشىلىرىنى كۆپەيتىپ، ناچارلىرىنى شاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  5. كۆمۈر ئېلېكتىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازارنىڭ تەڭشەش ۋە ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆلچەمگە يەتمىگەن قالاق كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى شاللىۋېتىش ۋە توختىتىش كېرەك.

  6. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى «مۇردا كارخانىلار»نى ئېنىقلاپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  7. قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋە لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنى قاتتىق تۈزەش كېرەك.

  8. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك.

  9. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  10. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  11. مۈلۈك قەرزىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  12. سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش مەخسۇس مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  13. قوشۇۋېلىش، قايتا تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  14 . كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ