خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىدە جۇڭگو تەرەپ باشلامچى بولغان ليۇ خې 9- چېسلا ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن 11- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى ئۆتكۈزدى.
ليۇ خې تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: مەن سەمىمىيلىك بىلەن كەلدىم، نۆۋەتتىكى ئالاھىدە ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو شۇنداق دەپ قارايدۇكى، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئەسلىدە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس، ئۇ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپكە پايدىسىز، دۇنياغىمۇ پايدىسىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ