مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى ھېچقانداق تەشكىلاتقا «مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ» نى باھالاش ھوقۇقى بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

2019.05.10 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بەزى ئاپپاراتلار توردا «مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئوتتۇرا مەكتەپ»، «2018- يىللىق جۇڭگودىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك 100 كۈچلۈك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ تىزىملىكى» قاتارلىق تىزىملىكلەرنى ئېلان قىلغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى شۇنى جىددىي جاكارلىدىكى، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى ئاپپاراتقا مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يۈزلەنگەن بۇ خىل باھالاش، رەتكە تىزىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ھوقۇق بېرىلمىگەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىم يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئادىل بولغان مائارىپ باھالىشى − مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. لېكىن، نۆۋەتتە جەمئىيەتتە بەزى قوپال ئىشلەنگەن، ساختىپەزلىك قىلىنغان مائارىپ باھالىرى پەيدا بولدى، ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى ئىلمىي ئەمەس، مەشغۇلاتى قېلىپلاشمىغان، جەريانى ئاشكارا ئەمەس، مەكتەپلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ نورمال مائارىپ، ئوقۇتۇش تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا قىلدى. ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بۇنداق باھالاش، رەتكە تىزىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىقىنى ئەسكەرتىمىز. بۇ تۈردىكى باھالاش، رەتكە تىزىش پائالىيەتلىرىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ