خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقە تورى ئۇچۇر تارماقلىرى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تور بېكەتلىرىدىن توققۇزىنى قانۇن بويىچە تاقىدى

2019.05.08 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش ۋە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، ئۇنداق تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى تۈزەش، قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تور پائالىيىتىنىڭ ئۇلىنى تۈگىتىش، توردا ۋە تو سىرتىدا يېپىق ھالقىلارنى تۈزەشنى ھاسىل قىلىپ، ئوچۇق تور بوشلۇقىنى يارىتىش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا تور ئۇچۇرى ۋە تېلېگراف ساھەسى مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تور بېكەتلىرى، ئۇنىڭ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ۋە مىكرو بىلوگ ھېسابات نومۇرلىرى قاتارلىقلاردىن توققۇزىنى قانۇن بويىچە تاقىدى .

  يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاممىنىڭ پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئىلگىرى تاقالغان قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قىسمەن تور بېكەتلىرىنىڭ يەنىلا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، قاتتىق زەربە بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جۇڭگو قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن ئىسسىقلىق پايدىلىنىش كەسىپ ئىتتىپاقى، جۇڭگو لايىھەلەش كۈچى، دۇنيا خەنشى سەمىمىي تۇغقانچىلىق جەمئىيىتى، خەلقئارا مال ۋاكالەتچىلىرى بىرلەشمىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت-سەنئەت يۇرتى، دۇنيا يىشۆ ئاسان ئۆگىنىش يەر شارائىتى بىرلەشمىسى، جۇڭگو كېجيا ئاشپەزلەر جەمئىيىتى، جۇڭگو دادا مېھىر-شەپقەت ئىتتىپاقى، جۇڭگو بازار قىممىتى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق توققۇز قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ تور بېكىتى ۋە ئۇنىڭ ئاچقان ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى، مىكرو بىلوگ ھېسابات نومۇرى قاتارلىقلارنى تاقىۋەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ