مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنى «جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى دوكلاتى»نى ئېلان قىلىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2019.05.07 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2019-يىللىق «جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى دوكلاتى» ئىشىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 6-چېسلا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە نۆل يىغىندىلىق قورشاۋ شاھمات ئويناشتەك ۋاقتى ئۆتكەن كۆز قاراشلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، يىلمۇيىل ئېلان قىلغان مەسئۇلىيەتسىز دوكلاتنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ 6-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتىغا ئوخشاش بۇ دوكلاتتا جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىگە خىلاپ نۇرغۇن باھا بېرىلگەن، جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى قەستەن بۇرمىلاپ، «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى»نى ھەدەپ تارقاتقان. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، ئۇ باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ كەلدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق. جۇڭگو ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جۇڭگو-ئامېرىكا ئارمىيەلىرىنىڭ سۆھبەت، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خاتا ھۆكۈم قىلىش، گۇمانلىنىش ۋە زىددىيەتتىن ساقلىنىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. بىز ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە نۆل يىغىندىلىق قورشاۋ شاھمات ئويناشتەك ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن قارىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، يىلمۇيىل مەسئۇلىيەتسىز دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى توختىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان ئىشلارنى قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ