مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانچاپ ___

«يايلاق بۇلۇت جىلغىسى» يېڭى ئىسىم كارتىسىنى نامايان قىلدى

2019.05.07 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  مائۇسىنى يېنىك يۆتكەپ، سانلىق مەلۇماتلارنى توغرىلاپ كىرگۈزمەكتە، مائۇسنى تېز چېكىپ مەشغۇلات قىلىۋاتقان خىزمەتچىنىڭ كومپيۇتېر ئېكرانىدا ئەكس ئېتىۋاتقان ئىككى ئۆلچەملىك كوچا سىزما رەسىمىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك مودېلى ئاستا-ئاستا نامايان بولدى.

  ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانچاپ شەھىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى شېڭتاڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش كەسپى بازىسىدىكى 100دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بىز تۇنجى قاراردا جەمئىي 1000 خىزمەت ئورنى ھازىرلىدۇق، ئەسلىدە سەككىز ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن كۈنلۈك تىجارەت مىقدارىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن تىجارەت باشلاپ ئىككى ئايدىلا ئىشقا ئاشتى! كەسىپتە ئون نەچچە يىللىق ئىسسىق- سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شېڭتاڭ دېرۈي ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇ جېڭفا شىركەتنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تالۇن مىقدارىنى ھازىر تىلغا ئالسىمۇ ھاياجانلىنىپ كېتەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلانچاپ شەھىرى چوڭ سانلىق مەلۇماتى يۈرگۈزۈلۈشى بىلەنلا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەندى، بۇ، مۇشۇ تۈرلۈك كەسىپنىڭ بۇ يەردە ئۆزگىچە ۋە ئالاھىدە تەرەققىيات شارائىتىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  «يەر ئۈستىدە ئوت-چۆپ، يەر ئاستىدا گۆھەر يوق»، ئىلگىرى كۆپچىلىك بۇ سۆز ئارقىلىق ئۇلانچاپ رايونىنىڭ مۇھىتىنىڭ ناچارلىقى ۋە بايلىقىنىڭ ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن ئىدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ جاينىڭ ئاساسلىق كەسپى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدى. يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانسا ھاۋا بەك سوغۇق، سانائەت بىلەن شۇغۇللانسا سۇ كەمچىل، جاپا-مۇشەققەتتە قۇرۇپ چىققان پاكىز ئېنېرگىيە سېتىش قىيىن بولۇشقا دۇچ كەلدى، ئۇلانچاپنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى بىر مەھەل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇل ئەسلىھەلەر ئاجىز، يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەر مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئۇلانچاپقا كېلىپ مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان كارخانا يوق دېيەرلىك ئىدى.

  «ئۇلانچاپنىڭ ئىلگىرى ئېچىش دەرىجىسى تۆۋەن ئىدى، ھازىر تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تارىخىي يۈك يوق، <كېمە كىچىك بولسا كەينىگە تېز بۇرۇلىيالايدۇ>دىن ئىبارەت كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە»-ئالاقە تورى دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بۇ ناچار ئەھۋاللار شەھەر باشلىقى فېي دۇڭبىننىڭ نەزىرىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت، «چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرىدە، تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچارلىقى دەل بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىزگە ئايلاندى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ