مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

خەلق بانكىسى ئوتتۇرا-كىچىك بانكىلارغا بىر قەدەر تۆۋەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى يولغا قويىدۇ

2019.05.07 15:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى بۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، شۇ جايدىكى ۋە ناھىيە تەۋەسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوتتۇرا-كىچىك بانكىلارغا قارىتا، بىر قەدەر تۆۋەن ئېتىبار ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. پەقەت شۇ ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوندا تىجارەت قىلىدىغان ياكى باشقا ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلاردا شۆبە-تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىنغان، لېكىن مۈلۈك كۆلىمى 10 مىليارد يۈەندىن كىچىك بولغان يېزا سودا بانكىلىرى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىغا ئوخشاش دەرىجىدىكى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئىجرا قىلىدۇ، بۇ دەرىجە ھازىچە %8 بولىدۇ.

  خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى بىر قەدەر تۆۋەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى يولغا قويۇش ئوبيېكتى بولسا، شۇجايدىكى ۋە ناھىيە تەۋەسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوتتۇرا-كىچىك بانكىلاردىن بولۇپ، ناھىيە تەۋەسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان 1000 نەچچە يېزا سودا بانكىسى بۇ ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ تەخمىنەن 280 مىليارد يۈەن قويۇپ بېرىلىدۇ ھەمدە ھەممىسى پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك-مىكرو كارخانىلارغا قەرز پۇل تارقىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش بولسا، سىياسەت رامكىسى ئورنىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ناھىيە تەۋەسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوتتۇرا-كىچىك بانكىلارنىڭ مەبلەغ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ