مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئېلىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار 249 مىليونغا يەتتى

2019.05.07 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا ئېلىمىزنىڭ ياشانغانلار كۆپىيىش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى ھەمدە بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دۆلىتىمىز بولسا، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان دۆلەت بولۇپ، تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى 249 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، %17.9نى ئىگىلەيدۇ.

  يىغىندا ساغلام قېرىلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ساغلاملىق تەربىيەسى، ئالدىنى ئېلىش-ساقلىقنى ساقلاش، كېسەل داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، ئۇزاق مۇددەت ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە خاتىرجەم داۋالاش قاتارلىق شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان ۋە ئۇنىۋېرسال ھالدىكى ئۇدا بولغان ياشانغانلار ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، كىم خەۋەر ئېلىش، قەيەردە خەۋەر ئېلىش، نېمىنى خەۋەر ئېلىش ۋە كىم پۇل چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش؛ داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش بىلەن كۈتۈنۈش مۇلازىمەت بايلىقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، داۋالاش ۋە كۈتۈنۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ