خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆلكە ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مىللەت ۋە دىن خىزمىتى مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى 6- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۈەن كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
يۇ چۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەت ۋە دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ماركسىزملىق مىللەت ۋە دىن نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، مىللەت ۋە دىن خىزمىتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەت ۋە دىن خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يۇ چۈەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ مىللەت ۋە دىن خىزمىتى دۇچ كىلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلەپ، مىللەت ۋە دىن خىزمىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت ۋە دىن خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مىللەت ۋە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەت ۋە دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتۇر ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە "يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى" تېمىسىدا تۇنجى مەيدان كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى.
مۇھاكىمە كۇرسىنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتى) ۋە دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى بىرلىكتە ئاچتى. ئۆلكە (ئاپتونوم رايون،شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مىللەت ۋە دىن خىزمىتىنىڭ مەسئۇللىرى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ