مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

لياۋنىڭ تەپتىش ئورگىنى نۇر بەكرىنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىدى

2019.05.07 15:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى نۇر بەكرىنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشى بىلەن لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن. يېقىندا شېنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىىبنامە سۇندى.

  تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جاۋابكار نۇر بەكرىنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە نۇر بەكرىدىن سوئال سوراپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. تەپتىش ئورگىنى مۇنداق ئەيىبلىدى: جاۋابكار نۇر بەكرى ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر باشلىقى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقى ياكى ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ زور سوممىلىق مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان، قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ