باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشى پىڭشياڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق شەھەر تىپىنى ئۆزگەرتتى

100 يىللىق كۆمۈر شەھىرى ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتتى (سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر. بىرىنچى سەپتىن كەلگەن نۇقتىدا تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش)

گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى سۈن چاۋ

2019.05.06 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  121 يىللىق تارىخقا ئىگە جياڭشى پىڭشياڭ ئەنيۈەن كۆمۈر كېنىنىڭ قۇدۇق ئېغىزى _ _ زۇڭپىڭ كوچىسىدا، كان ۋاگونلىرى توختىماي مېڭىپ يۈرەتتى. ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىغان ئەنيۈەن يولىدىكى كان ئىشچىلىرى ئىش تاشلاش سۆھبەت ئورنىدا يۈز يىل ئىلگىرى تېرىغان كامفورا دەرىخى يەنىلا ياپيېشىل ئىدى.

  ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى تارىخىغا نەزەر سالساق، پىڭشياڭ كۆمۈر بىلەن گۈللەندى، كۆمۈر بىلەن قىيىنچىلىقتا قالغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەسىپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قېزىپ، ئېكولوگىيە كونا قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، شەھەر يېڭى قىياپىتىنى ئۇرغۇتتى. پىڭشياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شياۋباۋ مۇنداق دېدى: پىڭشياڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى يۆنىلىشى ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تاپتى، تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە پىكىر يولى ئۆزگەردى، تەرەققىيات يولى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىمۇ يېڭىلاندى.

  يۈكنى چۈشۈرۈپ، ئېغىر كېسەلنى تازىلاپ، بۇ يۈز يىللىق كۆمۈر شەھىرى قايتىدىن ياشلىشىۋاتاتتى.

  كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى چىڭ تۇتايلى

  سانائەت رايونى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، زاۋۇت رايونىدىكى قىزىل خىشتىن قوپۇرۇلغان كونا تۇرخۇن يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. 1958- يىلى پىڭشياڭ ئېلېكتىر فارفۇر زاۋۇتىغا كىرگەندىن تارتىپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى زاۋۇت باشلىقى بولغانغا قەدەر، ھەمدە 1990- يىلى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر، 92 ياشلىق ليۇ لياڭيۈەن بۇ 100 يىللىق كونا زاۋۇتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى.

  ليۇ لياڭيۈەننىڭ ئېسىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى تۇنجى زاۋۇت باشلىقى پىڭشياڭ ئېلېكتىر فارفور زاۋۇتىغا كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئېلىپ كەلدى. شۇ چاغدىكى «100 مىليون يۈەن» كېيىنكى 10 مىڭ يۈەنگە تەڭ ئىدى. دۆلەت بەك نامرات، پەقەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش كېرەك ئىدى. كېيىن، بىر قەدەم بىر قەدەم بىلەن، مەھسۇلات يەنە چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىندى.

  ليۇ لياڭيۈەن قاتتىق ھەسرەتلىنىپ: شۇ چاغدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ھازىرغا قويساق تۆۋەن سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ۋە يېڭى ماتېرىياللارنى مەن چۈشەنمەيمەن.

  دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى بىزنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. ليۇ خۇەنجۇڭ لۇشى ناھىيەسى شاڭبۇ بازىرىدىكى پۇقراۋى ئېلېكتىر فارفۇر زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە «قىسقۇچپاقا يېگەن» كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1995- يىلى، 10 مىڭ يۈەننىمۇ بىر پاي ھېسابلىغىلى بولاتتى، 40- 50 پايچىك مەسلىھەتلىشىپ، پىڭشياڭ خۇەنيۈ ئېلېكتىر فارفۇر زاۋۇتى شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر