باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭدىكى بىر دورا زاۋۇتىدا ھادىسە يۈز بېرىپ 10 كىشى قازا قىلدى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى

2019.05.06 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «گوۋۇيۈەننىڭ كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گوۋۇيۈەن تارقاتقان [ 2010 ] 23 - نومۇرلۇق) ۋە «زور ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش چارىسى» (بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى [ 2010 ] 6 - نومۇرلۇق ) دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن چىلۇ تيەنخې خۇيشى دورا ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ «15- ئاپرېل» زور ئوت كېتىپ زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: شەندۇڭ ئۆلكىسى «ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى دوكلات قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» (گوۋۇيۈەننىڭ 493- نومۇرلۇق پەرمانى) قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھادىسىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىت چېكى بويىچە تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ھادىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى (دەسلەپكى نۇسخىسى) شەندۇڭ ئۆلكىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى تەكشۈرۈپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ھۆججىتى بويىچە گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىغا يوللاپ تەكشۈرۈپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، شەندۇڭ ئۆلكىسى دېلونى ئاياغلاشتۇرۇشنى تەستىقلاشقا ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھادىسە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھادىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىغا ۋاقتىدا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك .

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر قىلىنىشىچە، 4- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 15 تىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، چىلۇ تيەنۋە خۇيشى دورا ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ توڭلىتىپ قۇرۇتۇش سېخىنىڭ يەر ئاستى ئۆيى تۇرۇبا يولىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، كەپشەرلەش ئۇچقۇنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىش مۇھىتىدا ئىس-تۈتەك پەيدا قىلىپ، نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلىۋاتقان 10 خىزمەتچى ئىچىدىكى سەككىزى نەق مەيداندا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن، قالغان ئىككى خىزمەتچى قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئۆلگەن. يەنە 12 قۇتقۇزۇش خادىمى قېقىلىپ يارىلانغان، ئەمما ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر