باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۈەن ئۆلكىلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق كۆزەتكۈچىسى چېن يۇڭ پارتىيەدىن قوغلاندى

2019.05.06 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۆلكىلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق كۆزەتكۈچىسى چېن يۇڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق چېن يۇڭنىڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقاتقانلىقى، تەشكىلگە سادىق بولمىغانلىقى، سەمىمىي بولمىغانلىقى، شەخسىي مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، تەشكىلنى ئالدىغانلىقى؛ تەشكىلدىن پايدىلىنىپ، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىپ، ھەدەپ پۇل-مال قوبۇل قىلغانلىقى؛ ئاچ كۆزلۈك، چىرىكلىشىش، ئەخلاقتا چىرىكلىشىش مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى بايقالدى.

  چېن يۇڭ پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى، ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى كومىتېت ئىشلىرى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ھەمدە ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، چېن يۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتىنى بىكار قىلىش؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى يىغىۋېلىش؛ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چېتىشلىق پۇل - مالنى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر