باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى

(2019-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى)

2019.05.06 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش − پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز شەھەر- يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن شەھەر-يېزا ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشى راۋان بولماسلىق، ئاممىۋى بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرى تېخى تۈپتىن تۈگىگىنى يوق. يېڭىچە شەھەر- يېزا مۇناسىۋىتىنى قايتا بەرپا قىلىش، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق:

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى پەرقىنى كىچىكلىتىشنى نىشان قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدىكى ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، شەھەر- يېزا ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى بايلىقنىڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشچى-دېھقانلار ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان، شەھەر-يېزا بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە ئىشچى-دېھقانلار، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر