خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىر ئوقۇغۇچى ياشلىق شېئىر دېكلىماتسىيە يىغىلىشىنىڭ ئالدىدا، دەرەخكە ئېسىلغان تاختايدىكى شېئىرنى ئوقۇدى. شۇ كۈنى «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپتىكى جىڭيۈەن چىملىقىدا «100 يىللىق ئارزۇنى قوغلىشىش يولى، دەۋر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىلار» بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ياشلىق شېئىر دېكلىماتسىيە يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننى، ياشلىق باھارىنى مەدھىيەلەپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى