باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پاكىز ئېنېرگىيە چىڭخەينى تېخىمۇ «گۈزەل مەنزىرە»گە ئىگە قىلدى

2019.05.05 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قۇياش نۇرى كۈچلۈك ۋە قىزىق بولۇپ، يۈزنى قارىدىتىپ، تېرىنى كۆيدۈرەتتى. چىڭخەي دېلىڭخا سانائەت رايونى ئىچىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتقان جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى گۇرۇھى يادرو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ ئېگىزلىكنىڭ قۇياش نۇرىدىن قورقىدۇ ھەم ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بىر قوللۇق قۇرغان جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 50 مېگاۋاتلىق يورۇقلۇق ئىسسىقلىق تۈرى، قاتار-قاتار غايەت زور ئوقۇرسىمان توپلاملار ئۇلارنىڭ كەينىدە ئاپتاپپەرەسكە ئوخشاش قۇياشقا قاراپ تۇرماقتا.

  «ئۇ ئېرىگەن تۇزدىن پايدىلىنىپ يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، مەيلى يامغۇرلۇق كۈن ياكى كېچە بولسۇن، ئۇدا مۇقىم توك تارقىتالايدۇ»- تۈر دىرېكتورى لى خۇيگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېقىن بولۇپ، ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر يىلى 60 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ، 100 مىڭ توننا كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ، 4200 مو يەردە ئورمان بىنا قىلغانغا باراۋەر كېلىدۇ.

  دېلىڭخانىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 3500 سائەتتىن ئاشىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياش مىقدارى 7000 مېگاجوئۇل كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇ ھازىرقى ئىسمى جىسمىغا لايىق «يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق مەركىزى» بولۇپ قالدى. بىر قاتار چوڭ تىپتىكى فوتوتېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى، مەسىلەن، جەڭ مەيدانىدا ئەسكەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندەك مۇنار شەكىللىك، ئوقۇر شەكىللىك، كېپىنەك شەكىللىك بولۇپ، ئىسسىقلىق توپلاپ ئېنېرگىيە ساقلاپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ.

  چىڭخەي مول مەنزىرىلىك سۇ بايلىقىغا ئىگە، دۆلەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئۈلگىلىك ئۆلكىسى بەرپا قىلىش شارائىتى ئەۋزەل. چىڭخەي ئۆلكىلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چىڭخەينىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمال نىسبىتى مەملىكەت بويىچە داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، 2018-يىلى تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئىستېمال نىسبىتى %40لىك ھالىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %14لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئۇدا توققۇز كۈن، 216 سائەتلىك پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. تورلاشتۇرۇپ يېڭى ئېنېرگىيە قاچىلاش ماشىنىسى 12 مىليون 290 مىڭ كىلوۋاتتىن ئېشىپ، تۇنجى قېتىم ئەنئەنىۋى سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزلەشكەن فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى 9 مىليون 560 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر