باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.05.05 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «دەل جايىدا بولۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش» نىشانىغا قاراپ تىرىشىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان، جايلاردىكى تەپتىش ئورگانلىرى جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يىلمۇيىل كۆپەيگەن، كۆپ ساندىكى ئۆلكىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

  نۆۋەتتە، جازا ئۆلچەش تەكلىپىنى تەتبىقلاش دائىرىسى ئاساسلىقى كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە كۆپ يۈز بېرىدىغان 23 خىل جىنايەتكە مەركەزلەشكەن. تەڭدىن تولىسى ئۆلكىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جازا ئۆلچەش تەكلىپىنىڭ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %80تىن، ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەتبىقلانغان دېلولاردا جازا ئۆلچەش تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى باشقا دېلولاردىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولدى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتى يەنىلا بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى جازا ئۆلچەش تەكلىپىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇش يېتەرلىك ئەمەس، جازا ئۆلچەش يېتەكچى پىكرى دېلولىرىنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر تار، جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولماقتا، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلارنىڭ جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىش خىزمىتىدىكى ئالاقىسىمۇ يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر