خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2019-يىللىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مۇھىم نۇقتىلار» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.
«مۇھىم نۇقتا»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2019-يىللىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاشكارىلاش ئارقىلىق كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. «مۇھىم نۇقتا»دا بەش جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
بىرىنچى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئىككىنچى، ھوقۇق نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىشنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، دىققەتنى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
تۆتىنچى، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئاشكارىلاش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
بەشىنچى، خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ