باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو «"بىر بەلباغ، بىر يول"نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئورتاق قۇرۇش: ئىلگىرىلەش، تۆھپە قوشۇش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى

2019.04.23 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 22- چېسلا «"بىر بەلباغ، بىر يول"نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى: ئىلگىرىلەش، تۆھپە قوشۇش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى .

  دوكلاتنىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 18 مىڭ خەتلىك بولۇپ، مۇقەددىمىسىدىن باشقا، ئىلگىرىلەش، تۆھپە قوشۇش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

  2013- يىلى 9- ئاي ۋە 10- ئايدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان ۋە ھىندونېزىيەگە زىيارەتكە چىققاندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇش زور تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «بىر بەلباغ ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى، تەسىر كۈچى كۈنسېرى كېڭەيدى.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2013- يىلىدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم دەسلەپكى نەتىجىلەر نامايان بولۇشقا باشلىدى، ھەرقايسى قاتناشقۇچى دۆلەتلەر بۇنىڭدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا بولغان تونۇش تۇيغۇسى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 2013- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، جۇڭگو بىلەن يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مال سودىسىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 6 تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى جۇڭگونىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ مال سودىسى ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %27.4كە يەتتى؛ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردە تاشقى ھۆددىگەرلىك قۇرۇلۇشىنىڭ تىجارەت سوممىسى 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر