باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسىنىڭ ئىككىنچى تەكشۈرۈش نۇسخىسىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان مەزمۇنلار

ساختا ۋە ناچار ۋاكسىنىلارنى ياساپ ساتقانلارغا ئەڭ يۇقىرىسى 30 مىليون يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ

گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى سۈن يى

2019.04.22 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسى بۇلتۇر 12- ئايدا تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر لايىھە بۇ يىل 4- ئاينىڭ 20- كۈنى يەنە بىر قېتىم 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10- يىغىنىدا قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. لايىھەنىڭ ئىككىنچى تەكشۈرۈش نۇسخىسىدا، ساختا ۋاكسىنىلارنى ياساپ سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا جەرىمانە قويۇشنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، ساختا ۋە ناچار ۋاكسىنىلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلارغا ئەڭ يۇقىرىسى 30 مىليون يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇش بەلگىلەندى. بۇنىڭدىن باشقا، لايىھەدە يەنە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، ئۇنى ئوبوروت قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەمگە ئائىت بەلگىلىمە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىن يىغىندا لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: «تۆت جەھەتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ بەدىلىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، لايىھەنىڭ ئىككىنچى تەكشۈرۈش نۇسخىسىدا يەنە، ساختا ۋە ناچار ۋاكسىنىلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان، ۋاكسىنىلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ساختا سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە دورىغا ئالاقىدار سۈپەت باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان دېگەندەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا قارىتا جەرىمانە سوممىسى ئۆستۈرۈلدى.

  لايىھىدە يەنە، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە سېتىلغان ۋاكسىنىلار ئەگەر ساختا دورىلار بولىدىغان بولسا، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە سېتىلغان ئاشۇ ۋاكسىنىلارنىڭ قىممىتىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 30 ھەسسىسىدىن تۆۋەن بولغان بەدىلى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مال قىممىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە، 2 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 15 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغان بەدەل بويىچە قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مال قىممىتى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 1 مىليون يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە، 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغان بەدەل بويىچە قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر