باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق: نامراتلارنى يۆلەش ماللىرىنى ئىئانە قىلىشتا قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2019.04.22 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق ئۈچ تارماق يېقىندا بىرلىكتە «نامراتلارنى يۆلەش ماللىرىنى ئىئانە قىلىشتا قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2022- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، ئورۇنلار ياكى يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ياكى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلغان ۋە ياكى سېتىۋالغان مەھسۇلات ۋە ماللارنى چوقۇم جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تارماقلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار ئارقىلىق، ياكى نامراتلىقتىن نىشانلىق قۇتۇلدۇرۇش رايونىدىكى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە ھەقسىز ھالدا ئىئانە قىلغان ماللاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. سىياسەتنى ئىجرا قىلىش مۇددىتى ئىچىدە، نامراتلىقتىن نىشانلىق قۇتۇلدۇرۇش رايونىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا، يۇقىرىقى سىياسەتلەرنى داۋاملىق تەتبىقلاشقا بولىدۇ. «نامراتلىقتىن نىشانلىق قۇتۇلدۇرۇش رايونى»دېگەندە، بۇنىڭدا دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەنبەسىنى ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق 832 ناھىيە، قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان تۇتاش رايونلار ۋە ناھىيەلەر (شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئالتە ناھىيە ۋە بىر شەھەر رايونىمۇ مۇشۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ) ھەمدە نامراتلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتىسى بېجىرىلگەن نامرات كەنتلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە يۇقىرىقى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىپ ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردە، يەنى نامراتلارنى يۆلەش ماللىرىنى ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرىدە، يۇقىرىقى قوشۇلما قىممەت بېجى سىياسىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى خەزىنىگە كىرگۈزۈلۈپ جۇغلانغان باج پۇللىرى، يەنى يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىدىن جۇغلانغان باج پۇللىرى، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كېيىنكى ئايدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك قوشۇلما قىممەت بېجى پۇلىغا توغرىلاپ كېمەيتىلسە ياكى ئۇ خىل باج پۇلىنى خەزىنىدىن قايتۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. ئەگەر سېتىۋالغۇچى تەرەپكە قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى كېسىپ بېرىلگەن بولسا، مەخسۇس تالوننى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن باج كەچۈرۈم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. مەخسۇس تالوننى قايتۇرۇۋالغىلى بولمىسا، باج كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر