باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ كىنو فېستىۋالى مەزگىلىدە ئىتالىيەنىڭ 6 فىلىمى قويۇلدى

2019.04.22 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «دىققەتنى ئىتالىيەگە مەركەزلەشتۈرۈش» ۋە «ۋېنىتسىيەدىن جۇڭگوغىچە» سەرلەۋھەلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىتالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئېچىلدى. بۇنىڭدا، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى بىر نەچچە ھەمكارلىق تۈرلىرى ئېلان قىلىندى.

  بۇ نۆۋەتلىك بېيجىڭ كىنو فېستىۋالىنىڭ «دىققەتنى ئىتالىيەگە مەركەزلەشتۈرۈش» پائالىيىتىدە، ئىتالىيەنىڭ 75- نۆۋەتلىك ۋېنىتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا تاللانغان ئالتە كىنوسى قويۇلدى. بۇ فىلىملەر كېيىن يەنە ئىتالىيە دۆلەتلىك كىنو ئۈن-سىن ۋە كۆپ ۋاسىتە سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ ۋېنىتسىيە قوش يىللىق كۆرگەزمىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2- نۆۋەتلىك «ۋېنىتسىيەدىن جۇڭگوغىچە» ناملىق كىنو قويۇش پائالىيىتىدە تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە پائالىيىتى جۇڭگو كىنو ماتېرىياللىرى سارىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە چۇڭچىڭدا قويۇلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەينەن ئارىلى خەلقئارا كىنو فېستىۋالى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى فۇ شۈەنگو ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەققىدە ئىتالىيە مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە پائالىيىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى لۇچىيا بورگۇنزونى بىلەن سۆھبەتلىشىش نەتىجىسىدە، ئىتالىيەنىڭ مۇنەۋۋەر كىنولىرىنىڭ بۇ يىل 12- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان "خەينەن ئارىلى خەلقئارا كىنو فېستىۋالى"دا قويۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىق قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ، شۇڭا، خەينەن ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ تەشكىلاتچىلىرى ۋە كىنوچىلىرى شۇ پائالىيەتتىن بۇرۇن ئىتالىيەگە بېرىپ، شۇ جايدىمۇ جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى. ۋېنىتسىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «دىققەتنى جۇڭگوغا مەركەزلەشتۈرۈش» پائالىيىتىنى ئۇدا ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كىنولىرىنى ئىتالىيەلىك تاماشىبىنلارغا نامايەن قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر