باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2019.04.22 13:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېتەكچى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

  تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلىپ، تەبىئىي بايلىقنى تېجەش، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش ۋە ئۈنۈملۈك قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە پائال رولىنى جارى قىلدۇردى، لېكىن يەنە تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ئاساسىي سانى ئېنىق بولماسلىق، ئىگىدارلىق قىلغۇچى دەل جايىدا بولماسلىق، ھوقۇق - قەرز ئېنىق بولماسلىق، ھوقۇق - مەنپەئەت ئەمەلىيلەشمەسلىك، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغاچقا، مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرى كۆپ يۈزبېرىش، بايلىق قوغداش كۈچى يېتىشمەسلىك، ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك بولۇش، ئېكولوگىيە ئېغىر چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ھازىر تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا، مۈلۈك ھوقۇقى سۇبيېكتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاچقۇچ، تەكشۈرۈش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاشنى ئاساس قىلىپ، تەبىئىي بايلىقتىن تۈجۈپىلەپ ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك جۇڭگوچە تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  (2) ئاساسىي پىرىنسىپ

  − قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇش. بايلىقنى قوغداش بىلەن ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىش، ھەم تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ بايلىقلارنى قاتتىق قوغداش، ئېكولوگىيە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىقلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  − بازار تەقسىملەش، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. ھوقۇقنى كېڭەيتىپ ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش، ھاياتىي كۈچنى قوزغىتىشنى ئېغىرلىق مەركىزى قىلىش، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كۆپ خىل ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تەبىئىي بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش؛ ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي بايلىق ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  − نەرسە ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەش، باراۋەر قوغداشتا چىڭ تۇرۇش. ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش سۇبيېكتىنى قانۇن بويىچە ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسى ۋە ھوقۇق - فۇنكسىيەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈرلۈك تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغداش، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  − قانۇن بويىچە ئىسلاھ قىلىش، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش. مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەم ئىسلاھاتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم يەرلىكنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشى، دادىل ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، قوللاپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى جانلىق تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  (3) ئومۇمىي نىشان. 2020- يىلىغا بارغاندا، تەۋەلىكى ئېنىق، ھوقۇق - مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ، قوغدىشى قاتتىق، ئوبوروتى راۋان، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشى ئۈنۈملۈك بولغان تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئاساسەن ئورنىتىلىپ، تەبىئىي بايلىقلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقى ۋە قوغداش سالمىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە بايلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، ئاساسلىق ۋەزىپىلەر

  (4) تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كۆپ خىللىق خاسلىقى ھەمدە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى ۋە ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، تۈرگە ئايرىلىشى ئىلمىي بولغان تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىنىپ، ھوقۇق - مەنپەئەت گىرەلىشىپ كېتىش، بوش ئورۇن قېلىش مەسىلىلىرى كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن پايدىلىنىش ھوقۇقىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بىرتەرەپ قىلىنىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. ھۆددە يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ تەسىس قىلىش» ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش، رەنىگە قويۇش قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئۆيلۈك يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ تەسىس قىلىش» ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. قۇرۇلۇش يېرىنىڭ يەر ئۈستى، يەر يۈزى ۋە يەر ئاستىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا پايدىلىنىش ھوقۇقى تەسىس قىلىش تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، بوشلۇقتىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. نېفىت - گازنى تەكشۈرۈش بىلەن قېزىش بىرلەشتۈرۈلگەن ھوقۇق تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، تەتقىق قىلىنىپ، كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقى بېرىشنى مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلانلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان كان تۈرلىرى، ئوخشاش بولمىغان چارلاپ تەكشۈرۈش باسقۇچلىرىدىكى گېئولوگىيەلىك خىزمەت قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ھەم ئۇنى ئۇزارتىش، ساقلاپ قېلىش قەرەلى مۇۋاپىق ئۇزارتىلىدۇ. قېزىلما بايلىق زاپىسىنىڭ كۆلىمىگە ئاساسەن، كان ئېچىش ھوقۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ھەم ئۇنى ئۇزارتىش قەرەلى تۈرگە ئايرىپ بېكىتىلىدۇ. كان ئېچىش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش ھوقۇق فۇنكسىيەسى قانۇن بويىچە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقى بىلەن يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى، دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا قارىتا ئىستېرېئولۇق قاتلامغا بۆلۈپ ھوقۇق تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، رەنىگە قويۇش، ئىجارىگە بېرىش، باھا بەلگىلەپ مەبلەغ چىقىرىش (پاي قوشۇش) قاتارلىق ھوقۇق فۇنكسىيەسى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئاھالە يوق ئاراللار مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئاھالە يوق ئاراللاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ھوقۇق فۇنكسىيەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. سۇ رايونى - ساھىل باقمىچىلىق ھوقۇقى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھوقۇق فۇنكسىيەسى قانۇن بويىچە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئوبوروت قىلىش ۋە رەنىگە قويۇشقا يول قويۇلىدۇ. سۇ رايونى - ساھىل باقمىچىلىق ھوقۇقى بىلەن دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى، يەر ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى، سۇ ئېلىش ھوقۇقى بىلەن يەر ئاستى سۈيى، يەر ئاستى ئىسسىق سۈيى، مىنېرال سۇ قېزىش ھوقۇقىنىڭ مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ.

  (5) تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى سۇبيېكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن گوۋۇيۈەن تەبىئىي بايلىق ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ كونكرېت ۋەكىل بولۇپ ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارى مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش يۈرگۈزۈشى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن تەبىئىي بايلىق ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش بايلىق تىزىملىكى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىلىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈش ھاۋالە قىلىنغان بايلىق تىزىملىكى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ، قانۇندا ھوقۇق بېرىلگەن ئۆلكە دەرىجىلىك، شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك ياكى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدىغان ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تەبىئىي بايلىقلار بۇنىڭ سىرتىدا. ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك پايدىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ پايدا تەقسىمات نىسبىتى ۋە چىقىم قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ ھەم ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدە قانۇنىي ئىگىلىك ئورنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە قارىتا يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ۋەكىل بولۇپ كوللېكتىپ يۈرگۈزۈشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە بولغان باشقۇرۇش ۋە تىجارەت ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەزالىرى تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە قارىتا قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ. تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلاتلار قاتارلىق تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەبىئىي بايلىق مۈلكىدىن باراۋەر پايدىلىنىشىغا، بازار رىقابىتىگە ئاشكارا، ئادىل، باراۋەر قاتنىشىشىغا، قانۇننىڭ قوغدىشىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  (6) تەبىئىي بايلىقنى بىرتۇتاش تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، باھالاش قانات يايدۇرۇلىدۇ. بىرلىككە كەلگەن تەبىئىي بايلىقنى تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمى تېز تەتقىق قىلىپ تۈزۈلۈپ، تەبىئىي بايلىقنى بىرتۇتاش تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ھازىر بار بولغان مۇناسىۋەتلىك تەبىئىي بايلىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەبىئىي بايلىقلارنى تەكشۈرۈش بىرتۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويۇلۇپ، مۇھىم تەبىئىي بايلىقنىڭ سانى، سۈپىتى، تارقىلىشى، ھوقۇق تەۋەلىكى، قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش ئەھۋالى ئىگىلىنىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ھېسابلاش، باھالاش تۈزۈمى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىلىپ، ئەمەلىي نەرسە مىقدارى ئىستاتىستىكىسى قانات يايدۇرۇلۇپ، قىممەت مىقدارىنى ھېسابلاش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ پاسسىپ مۈلۈك جەدۋىلى تۈزۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىقنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ ئىگىلىنىدۇ. بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق تەبىئىي بايلىقنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، باھالاش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ.

  (7) تەبىئىي بايلىق ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىرتۇتاش بېكىتىپ تىزىملاش تېزلىتىلىدۇ. تەبىئىي بايلىق ھوقۇق تەۋەلىكىنى بىرتۇتاش بېكىتىپ تىزىملاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرى خۇلاسىلىنىپ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش ئۇسۇلى ۋە قائىدىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ، دۆلەت باغچىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى، نۇقتىلىق دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان رايونى، سۇلۇق يەر، چوڭ دەريا - چوڭ ئېقىنلارنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بوشلۇقى ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش خىزمىتى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ، ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدىغان سۇبيېكتلارنى گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقى تىزىملايدۇ، تەبىئىي بايلىق ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاشنىڭ تولۇق قاپلىشى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بارلىق دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىدىكى تۈرلۈك تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى سۇبيېكتى ئېنىق بېكىتىلىپ، تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلارنىڭ مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پايدىلىنىش ھوقۇقىنىڭ چېگراسى ئېنىق ئايرىلىدۇ. تىزىملاش ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش ئاساسىي سۇپىسى قۇرۇلۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  (8) تەبىئىي بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، يولغا قويۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلار، شەھەر - بازارنى ئېچىش چېگراسى قاتارلىق تىزگىنلەش سىزىقى بېكىتىلىپ ھەم قاتتىق ساقلىنىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمى ئورنىتىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىغا قارىتا بىرتۇتاش باشقۇرۇش، تىزگىنلەش يولغا قويۇلۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. قۇرۇقلۇق بىلەن بوشلۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاش كۈچەيتىلىپ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى ئاساس قىلىنىپ، دېڭىز قىرغىقى بەلبېغىنى ئېچىش، قوغداش يىرىك پىلانى بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈزۈلۈپ، ئىشلىتىش ئورنىنى باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تۈرلىرىدىن باشقا، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن دېڭىزنى تىندۇرۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئومۇميۈزلۈك توختىتىلىدۇ. ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسى مۇھىم بولغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە قارىتا، دۆلەت باغچىسىنى سۇبيېكت قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ. دۆلەت باغچىسى دائىرىسى ئىچىدىكى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقى يۈرگۈزىدۇ ياكى ئالاقىدار تارماقلار، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈشىگە ھاۋالە قىلىدۇ. شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، پەيدىنپەي دۆلەت باغچىسى ئىچىدىكى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى گوۋۇيۈەن تەبىئىي بايلىق ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ بىۋاسىتە يۈرگۈزۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. تەستىقلانغان دۆلەت باغچىسى سىناق نۇقتىلىرىدا ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كونكرېت يۈرگۈزۈش سۇبيېكتى نۇقتىدا سىناق قىلىش مەزگىلىدە ۋاقتىنچە تەڭشەلمىسىمۇ بولىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ پائال ئالدى ئېلىنىپ، ۋاقتىدا توسۇلۇپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكى زىيىنى تۆلەم جاۋابكارلىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا ۋە جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان ھوقۇق سۇبيېكتىغا مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىلىدۇ. تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى ئىچىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقى قاتارلىق تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش سۇبيېكت قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي سۇبيېكتلار ئىجارىگە ئېلىش، ئىجارىگە بېرىش، ئالماشتۇرۇش، سېتىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەبىئىي ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى كېڭەيتىشكە، دۆلەت ۋە رايون ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى ئىچىدىكى كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقى، سۇ ئېلىش ھوقۇقى، سۇ رايونى، ساھىل باقمىچىلىقى، بېلىق تۇتۇش ھوقۇقى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق چېكىندۈرۈش مەسىلىسى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ھەل قىلىنىدۇ.

  (9) تەبىئىي بايلىق مۈلكىدىن تۈجۈپىلەپ ئېچىپ پايدىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ھەم باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، رىقابەتلىك ھەقلىق بېرىش كېڭەيتىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ، ھەم ئومۇمىي مىقدار ۋە سىجىللىقنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش، تىزگىنلەش رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان بايلىقى مۈلكى ۋە ئوتلاق بايلىقى مۈلكىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. كانچىلىق ھوقۇقىنى رىقابەتلىك ھەقلىق بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، رىقابەتلىك ھەقلىق بېرىشكە ئالاقىدار كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىنى تەستىقلاش شەكلى تەڭشىلىدۇ. نېفىت - گاز چارلاپ تەكشۈرۈش، قېزىش بازىرى تەرتىپلىك قويۇۋېتىلىپ، رىقابەتلىشىش، ھەقلىق بېرىش شەكلى ۋە تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ قاتتىق بولغان رايون - بۆلەكلەر بويىچە چېكىندۈرۈپ باشقۇرۇش چارىسى ۋە تېخىمۇ قولاي، مۇۋاپىق بولغان رايون - بۆلەكلەر بويىچە ئوبوروت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى تۈزۈپ يولغا قويۇلىدۇ. سۇ بايلىقى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ۋادىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئالاھىدىلىكى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش نىشانى بېكىتىلىپ، كۈچەپ بۆلۈپ باشقۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىش ئەھۋالى ئۆزگەرتىلىپ، ۋادىنىڭ سۇ بايلىقى، سۇ ئېنېرگىيەسى بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشقا قارىتا بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ باھا پەرقىنى ئايرىپ، دەرىجىسىنى بېكىتىپ باھالاش تۈزۈمى ۋە مۈلۈك تەكشۈرۈش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئۆلچىمى سىستېمىسى ۋە كەسىپ ئىجازىتى سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش سەۋىيەسى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش تەلىپى پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنى تاللاشنىڭ مۇھىم ئامىلى قىلىنىدۇ ھەم ھەقلىق بېرىش توختامىغا كىرگۈزۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، رەنىگە قويۇش بازار قائىدىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بازار قۇرۇلۇشى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكى سودا سۇپىسى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، بازارنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە تەڭشەش - تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكى بازىرى ئىناۋەت سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئوبوروتىنىڭ راۋان، سودىسىنىڭ بىخەتەر، پايدىلىنىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  (10) تەبىئىي ئېكولوگىيە بوشلۇقى سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇۋاپىق تۆلەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ. ھۆكۈمەت باشقۇرۇش - كونترول قىلىش بىلەن مۈلۈك ھوقۇقىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىرىكمە كۈچى كۈچەيتىلىدۇ. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يىرىك پىلانى تۈزۈپ يولغا قويۇلۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. كىم بۇزغۇنچىلىق قىلسا، شۇ تۆلەم بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈرلۈك تەبىئىي ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ۋە بېسىلىپ قېلىپ ئېچىشقا بولمايدىغان قېزىلما بايلىقلارنى قانۇن بويىچە قۇرۇپ ئىگىلىگەنلەرگە قارىتا ئىگىلەش تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىگىلەش شەرتى چىڭىتىلىپ، تۆلەم ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلىمى تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى جاۋابكار ئۈستىگە ئالىدۇ. جاۋابكار يوقاپ كەتسە، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىش ھوقۇقى بويىچە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. كىم ئەسلىگە كەلتۈرسە، شۇ مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، بەلگىلىك مۇددەتتە تەبىئىي بايلىق مۈلكىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بېرىش قاتارلىق مۈلۈك ھوقۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  (11) تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى تاكاممۇللاشتۇرۇلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، باشقۇرۇش شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ھەرىكەتچان ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، تەبىئىي بايلىقلارنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى نازارەت قىلىشى كۈچەيتىلىدۇ، گوۋۇيۈەن تەبىئىي بايلىق ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقى تەلەپ بويىچە قەرەللىك ھالدا گوۋۇيۈەنگە دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى دوكلات قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەلەپ بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ھوقۇقلۇق ئورگاننىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت نازارەتچىلىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىرلىككە كەلگەن تەبىئىي بايلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئېففېكتى ئۆستۈرۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىققا ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، دېلو ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، دېلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تەپتىش قانۇن نازارەتچىلىكى ئارقىلىق قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە ئالاقىدار نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ مۇھىم، زور دېلولار قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  (12) تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىگە چېتىلىدىغان قانۇن - نىزاملار ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا پايدىسىز بەلگىلىمىلەرگە قارىتا كونكرېت ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تۈزىتىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قانۇن چىقىرىش تەرتىپى بويىچە تۈزىتىش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرى سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، قېزىلما بايلىق قانۇنى، سۇ قانۇنى، ئورمان قانۇنى، ئوتلاق قانۇنى، دېڭىز تەۋەسىدىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇش قانۇنى، ئاراللارنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلار ھەم ئالاقىدار مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش قانۇنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلىدۇ. دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى قانۇن - نىزام سىستېمىسى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. كېڭىشىش، مۇرەسسە، كېسىم، مەمۇرىي كېسىم، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ۋە دەۋا قاتارلىقلار ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان، كۆپ مەنبەلىك تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسىنى ھەل قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم دەۋاسى قاتارلىق قانۇن - تۈزۈملەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى ھەق تەلەپ، مەمۇرىيەت، جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى ھەمكارلىشىپ سوت قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلىش تىپىك دېلولىرى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، يولغا قويۇش كاپالىتى

  (13) پارتىيەنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى مۇھىم، زور مەنپەئەتنى تەڭشەشكە چېتىلىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، جەزمەن پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە يولغا قويۇش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشى، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەز بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك.

  (14) مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقات چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك قىممىتى، دۆلەت ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك، پايدىنى تەقسىملەش، ئۆيلۈك يەردە «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ تەسىس قىلىش»، تەبىئىي بايلىق پاسسىپ مۈلۈك جەدۋىلى، بوشلۇقنى ئېچىش ھوقۇقى قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات ۋە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالاقىدار پەنلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى نەزەرىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

  (15) نۇقتىدا سىناق قىلىش بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چېتىلىدىغان كونكرېت مەزمۇنلاردىن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېنىق چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغانلىرىغا قارىتا، يەرلىكنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ، ئەمەلىي تەجرىبىلەر تولۇق توپلىنىدۇ؛ ئىسلاھات چېتىلىدىغان كونكرېت مەزمۇنلاردا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېنىق چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە ئايدىڭلاشتۇرۇلغانلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئېھتىياجلىق بولغانلىرىدا، قىسمەن رايونلارنى تاللاپ نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، قانۇن بويىچە ھوقۇق بېرىشكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ. فۇجيەن، جياڭشى، گۈيجوۋ، خەينەن قاتارلىق جايلاردا ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك مېخانىزمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى ھاۋالىلىك ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈلىدىغان بايلىق تىزىملىكى، باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە پايدا تەقسىملەش مېخانىزمى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ؛ دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلار، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلار، دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت كەسپى بويىچە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئالدىن يولغا قويۇلىدىغان رايونلار، ئېكولوگىيە مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلار قاتارلىق رايونلار دائىرىسىدە، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۈلۈك ھوقۇقى رىغبەت مېخانىزمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئىجتىمائىي كاپىتال ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىنىدۇ؛ ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىدىن ھەقلىق پايدىلىنىش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلار، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلار قاتارلىق باشقا رايونلار دائىرىسىدە، بىر تۈركۈم مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، بايلىقتىن تۈجۈپىلەپ ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىش سىناق نۇقتىلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرى ۋاقتىدا خۇلاسىلىنىپ، كۆپەيتكىلى بولىدىغان، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تۈزۈم نەتىجىلىرى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  (16) تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش كۈچەيتىلىدۇ. سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش كۈچەيتىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئاساسىي پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر سىستېمىلىق بايان قىلىنىدۇ. دۇنيا يەر شارى كۈنى، دۇنيا مۇھىت كۈنى، دۇنيا دېڭىز - ئوكيان كۈنى، دۇنيا ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كۈنى، دۇنيا سۇلۇق يەر كۈنى، مەملىكەتلىك يەركۈنى قاتارلىق مۇھىم خاتىرە كۈنلەردىن پايدىلىنىپ، شەكلى ھەرخىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر