باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

34 دۆلەت ۋە رايوننىڭ باج تارماقلىرى ئەسلەتمىلەر ئىمزالاشتى

بىر بەلباغ، بىر يول باج ئېلىش-باشقۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى رەسمىي بەرپا قىلىندى

2019.04.19 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق قۇرۇش: باج ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش» ئاساسىي تېما قىلىنغان تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» باج ئېلىش-باشقۇرۇش ھەمكارلىق مۇنبىرى 18- چېسلا جېجياڭ ۋۇجېن بازىرىدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا «بىر بەلباغ، بىر يول» باج ئېلىش-باشقۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى رەسمىي قۇرۇلغان.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، باج ئىشلىرى يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى تەقسىملەشنى ياخشىلاش ۋە خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈنسېرى مۇھىم رول ئوينىدى، ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باج ساھەسىدىكى ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا. «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ باج ئېلىش-باج باشقۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتىكى مەقسىتى بولسا، باج ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە مەبلەغ سېلىشنى قۇلايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  مۇنبەر مەزگىلىدە، 34 دۆلەت ۋە رايوندىكى باج تارماقلىرى بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول "باج ئېلىش-باشقۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ باج ئېلىش-باشقۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى رەسمىي ئورناتتى. ئىگىلىنىشچە، بۇ ھەمكارلىق مۇنبىرى بولسا، تۇنجى قېتىم جۇڭگونىڭ باج تارماقلىرى تەرىپىدىن باشلامچىلىق قىلىنغان ھەمدە ئۇيۇشتۇرۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا باج يىغىنى مۇنبىرى بولۇپ، ئۇ مۇنبەرگە ئىتالىيە، شۋېتسارىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، كانادا، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 85 دۆلەت (رايون)دىن كەلگەن باج ئىشلىرىغا مەسئۇل دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئۇلارنىڭ ھوقۇق بېرىش ۋەكىللىرى ھەمدە 16 خەلقئارا تەشكىلات، نۇرغۇن ئىلمىي ئاپپاراتلار ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانا ۋەكىللىرى قاتناشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر