باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2019-يىللىق دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرى مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش لايىھەسى ئېلان قىلىندى

راكقا قارشى دورىلار ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەر دورىلىرى ئالدى بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلدى

2019.04.19 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 17- كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى «2019- يىللىق دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرى مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش خىزمىتى لايىھەسى» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « لايىھە» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرى مۇندەرىجىسى يەنە بىر قېتىم تەڭشىلىپ، فوندنىڭ بەرداشلىق بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، دورا قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دورا ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش ۋە دورىلىرى قىممەت بولۇشتەك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  بۇ يىل 7- ئايدا، ئادەتتىكى دورا مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ، 9- ئايدىن 10- ئايغىچە سۆھبەتلىشىپ ئىجازەت قىلىنغان دورىلار مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 10- ئايدىن بۇرۇن بارلىق خىزمەتلەر تاماملىنىدىكەن.

  ئۇ دورىلار غەربچە دورىلار، تەييار جۇڭيى دورىلىرى ۋە جۇڭيى دورا تابلېتكىلىرىغا چېتىلىدۇ، ئا، ب تۈردىكى ئاتچوت قىلىش مۇندەرىجىسى پەرقلەندۈرۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال نامى بويىچە ئاتچوت قىلىنىدۇ

  ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرى مۇندەرىجىسى ئەسلىدە 2017- يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا 2017- يىلى ۋە 2018- يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجازىتى ھەققىدىكى سۆھبەت ئارقىلىق بېكىتىلگەن دورىلار ئاشۇ قېتىمقى مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭدا، غەربچە دورىلار ۋە تەييار جۇڭيى دورىلىرى بولۇپ جەمئىي 2588 خىل دورا تۈرى بار.

  بۇ قېتىمقى دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش غەربچە دورىلار، تەييار جۇڭيى دورىلىرى ۋە جۇڭيى دورا تابلېتكىلىرى قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى دورىلارغا چېتىلىدۇ، يەنىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ مۇندەرىجە دورا كىرگۈزۈش ۋە دورا يۆتكەشتىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى تەستىقلاپ بازارغا سالغان دورا ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىش تۈپەيلىدىن، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ياكى تەۋسىيە قىلىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ، باھالاش ھەققى ۋە باشقا تۈرلۈك ھەقلەر ئېلىنمايدۇ. بۇنىڭدا يەنە دورا مۇندەرىجىسىدىن پايدىلىنىش قائىدىلىرى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش چارىسى ماس قەدەمدە تەڭشىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دورا ناملىرى ۋە دورا تىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دورىلارنىڭ ئا، ب خىلى ۋە مۇندەرىجىسىنى تۈرگە ئايرىش قۇرۇلمىسى ۋە ئىزاھاتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار مۇۋاپىق تەڭشەلدى. شۇڭا، ئا، ب خىللىرىنى تەڭشەش جەريانىدا، ئاساسىي دورىلارنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورىلىرى، راك كېسىلى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش دورىلىرى، سوزۇلما كېسەللىكلەر دورىلىرى، بالىلار دورىلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى قاتارلىقلارنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك. دورا بىلەن داۋالاش ساھەسى، دورىلىق رولى ۋە فۇنكسىيىلىك ئاساسلىق داۋالاش قاتارلىقلارغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تۈر بويىچە باھالاشقا تەشكىللەش كېرەك. ئوخشاش تۈردىكى دورىلارنى دورا ئىقتىسادشۇناسلىقى پرىنسىپى بويىچە سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كلىنىكىدا زۆرۈر، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ۋە باھاسى مۇۋاپىق بولغان سورتلىرىنى ئالدىن تاللاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر