باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە ياخشى باشلىنىش بولدى، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى

مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى

2019.04.17 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 1-پەسىللىك مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىم-چىقىم ئايلىنىشى مۇقىم بولۇپ، ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 5 تىرىليون 365 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، مۇۋاپىق دائىرىنى ساقلاپ، ئېلىمىز ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىم ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: يەرلىك مالىيە دۇچ كەلگەن كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقى بېسىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، مالىيە مىنىستىرلىقى جايلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى زورايتتى ھەمدە يەرلىكنىڭ خامچوت تەڭپۇڭلۇقىغا پائال يېتەكچىلىك قىلدى.

  مالىيە ھەرىكىتى ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى

  مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەزىنىسى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى لى داۋېي مۇنداق دېدى: «1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ مالىيە كىرىم-چىقىم ئايلىنىشى مۇقىم بولۇپ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئىستاتىستىكا مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1-پەسىلدە مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 2 تىرىليون 533 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى؛ يەرلىكنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 2 تىرىليون 831 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر