باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى چوڭقۇر دېڭىز لىپارىس بېلىقىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش مېخانىزمىنى تۇنجى قېتىم ئېچىپ بەردى

2019.04.17 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چوڭقۇر دېڭىز پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش تەتقىقات ئورنى بىلەن سۇ جانلىقلىرى تەتقىقات ئورنى غەربىي شىمال داشۆسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مارىئانا دېڭىز جىلغىسىدىكى 7000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ياشايدىغان لىپارىس بېلىقىنى كۆپ تەرەپتىن تەتقىق قىلىپ، تۈرگە ئايرىش ئىلىمىدە ئۇنىڭ سىستېمىلىق ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شەكىل جەھەتتىن ئۇنىڭ چوڭقۇر ھاڭغا ماسلىشىش ئۆزگىرىشىنى تۇنجى قېتىم بايقاپ، كۆپ گۇرۇپپىلىق چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا چوڭقۇر ھاڭغا ماسلىشىشنىڭ ئىرسىيەت ئاساسىنى ئېچىپ بەردى. بېيجىڭ ۋاقتى 15-ئاپرېل سائەت 23تە، ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىسى «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ تارماق ژۇرنىلى «تەبىئەت.ئېكولوگىيە ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات»تا توردا ئېلان قىلىندى.تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چوڭقۇر دېڭىز يەر شارى يۈزىدىكى ئىنسانلار كەڭ كۆلەمدە كىرمىگەن ياكى چۈشەنمەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى بوشلۇق بولۇپ، ئىنسانلار جەمئىيتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئېھتىياجلىق تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ۋە ئېنېرگىيە يوشۇرۇنغانىكەن. تەتقىقاتتىكى ئالاقىدار چوڭقۇر دېڭىز لىپارىس بېلىقى ئەۋرىشكىسىگە 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2017-يىلىنىڭ بېشىغىچە ئېلىمىزنىڭ چوڭقۇر ھاڭنى ئىلمىي تەكشۈرۈش «ئىزدىنىش 1-نومۇر» ناملىق پاراخوتى «تيەنيا» ۋە «خەيجياۋ» ناملىق چوڭقۇر ھاڭغا قونۇش ئەسۋابى ئارقىلىق ئېرىشكەن. ئالاقىدار پەن تەتقىقات ئەترىتى لىپارىس بېلىقىنى ھەرقايسى جەھەتتىن تولۇق تەتقىق قىلىپ، شەكىل ۋە گىن ئىقتىدار قاتلىمىدىن چوڭقۇر ھاڭ بېلىق تۈرىنىڭ پەيدا بولۇپ ئۆزگىرىش ۋە ماسلىشىش مېخانىزمىنى بايان قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر