باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قانۇنىي كېسىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسىم ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.04.17 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قانۇنىي كېسىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسىم ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرقانچە پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ «بىر قانچە پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قانۇنىي كېسىم چىقىرىش بولسا، دۆلىتىمىز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تۈزۈم بولۇپ، ئۇ تۈزۈم ماجىرا ھەل قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن تۈزۈمدۇر، ھەم شۇنداقلا خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ماجىرا ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. كېسىمنىڭ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ مۇددىئاسىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە قولايلىق بولۇش، ھەمدە ماجىرانى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئەمەلىيەتتە ماجىرانى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زىددىيەتنى ئادىل ۋە ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ماجىرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېسىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسىم ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق كېسىم تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  بۇ «بىر قانچە پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كېسىم كېسىش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە نۆۋەت ئالماشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش، كېسىم كېسىش ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مۇستەقىل خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كېسىم تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كېسىم كېسىشنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كېسىم كومىتېتىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرى ۋە پايدا ئالمايدىغان خاراكتېرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كومىتېت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى تۈزەش قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسىمچىلەرنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، كېسىم كاتىپلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كېسىم تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسىمنى ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىغا سىڭدۈرۈشنى قوللاپ، ئالاقە تورى كېسىمىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ساھە ھەمكارلىقى ۋە كېسىمنى رايونلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، كېسىم كومىتېتىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىكى كېسىم ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كېسىم خىزمىتىنى قوللاش ۋە نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيە جەھەتتىن قوللاش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر