باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرى بارلىقى بايقالغان ئۇنسۇرلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ خىزمەت كۆرسىتىشتە مۇھىم تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلىدى

2019.04.17 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 16-كۈنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پاش قىلىش تېلېفونلىرى ۋە تور بېكەتلىرى ئارقىلىق،دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىش يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، توسۇشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان پاش قىلغۇچىلارنى تەقدىرلىگەن ۋە مۇكاپاتلىغان. يىغىندا، زور تۆھپە قوشقان ما فامىلىلىك پالانى قاتارلىق 16كىشى ۋە مۇھىم تۆھپە قوشقان ۋۇ فامىلىلىك پالانى قاتارلىق 55 كىشى مۇكاپاتلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 2015- يىلى 11- ئايدا 12339 پاش قىلىش تېلېفونىنى ئاچقان، 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى يەنە پاش قىلىش سۇپىسى تور بېكىتى www.12339.go v.cnنىمۇ رەسمىي ئېچىپ ئىشقا سالغان. پاش قىلىش تېلېفونى ۋە تور بېكىتى ئېچىلغاندىن بۇيان، كەڭ خەلق ئاممىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا پائال تۈردە مەسىلە پاش قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى نۇرغۇنلىغان گۇمانلىق يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، توسۇشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشىنى كۈچلۈك قوللىدى. مۇكاپاتلانغانلار ئىچىدە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەر، قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، مەھەللە ئاھالىلىرى، بېلىقچى ۋە دېھقانلار بار. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ھەممىدە خەلقنى كۆزلەيدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى ھەممىدە خەلققە تايىنىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى لۇشيەننى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشىغا تايىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر