باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاقە تورىدىكى مەسىلىلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەركىزى تور بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى

كۆچمە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىدىكى ساختا ۋە ئالدامچى ئەپلەر (پىروگراممىلار) ھازىرقى تور ئالدامچىلىقىنىڭ يېڭىچە بىر يولى بولۇپ قالدى

2019.04.17 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئالاقە تورى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ 16- چېسلا ئېلان قىلغان «2018- يىللىق ئالاقە تورى تور بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي بايان» دېيىلىدۇ)دا كۆرسىتىلىشىچە، كۆچمە ئالاقە تورىدىكى يامان غەرەزلىك ئەپلەر (پىروگراممىلار) بىر قەدەر تېز كۆپەيگەن بولۇپ، تور ئەھلىلىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ كۆچمە ئالاقە تورى ئەھلىلىرىنىڭ سانى 817 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭدا، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، قاتناش ۋە چىقىم كەسپى قاتارلىقلار تەدرىجىي ھالدا كۆچمە ئالاقە تورى سۇپىسىغا يۆتكەلگەن. «ئومۇمىي بايان»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئالاقە تورىدىكى مەسىلىلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەركىزى 2018- يىلى ئۆز ئالدىغا تۇتۇش ۋە زاۋۇتلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ تۇتۇش ئارقىلىق، كۆچمە ئالاقە تورلىرىدىكى يامان نىيەتلىك ئەپلەردىن 2 مىليون 830 مىڭدىن ئارتۇقراق ئەپنى بايقىغان، بايقالغان يامان نىيەتلىك ئۇ ئەپلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشقان بولۇپ، ئۇدا كۆپ يىل يۇقىرى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان. يامان غەرەزلىك ئەپلەرگە ئائىت قىلمىشلارغا قىلىنغان ستاتىستىكىدىن ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئالدىنقى 3- ئورۇندا تۇرىدىغىنى لۈكچەكلىك قىلمىشى تۈرىدىكى ئەپلەر، ھەق سەرپىياتى تۈرىدىكى ئەپلەر ۋە ئۇچۇر ئوغرىلاش تۈرىدىكى ئەپلەر ئىكەن.

  «ئومۇمىي بايان»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى كۆچمە ئەپلەر ئارقىلىق تور ئالدامچىلىقىنى قوللىنىش ۋەقەسى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان. مەسىلەن، قەرز پۇل كەسپى تۈرىدىكى نۇرغۇن ساختا APP(ئەپ)لەردە ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي تۈردىكى قەرز پۇل كەسپى مەۋجۇت ئەمەس، ئۇنداق ئەپلەر ئالدامچىلارنىڭ ئالداش ھىيلىلىرى ئارقىلىق ئابۇنتچىلارنىڭ خۇسۇسىي مەخپىي ئۇچۇرلىرى ۋە پۇل-ماللىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان ساختا ئەپلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، رەسمىي نۇسخىدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ سىن بەلگىلىرى ياكى ئەپلەر ناملىرىغا تەقلىت قىلىپ ياسىۋالغان ساختاAPP (ئەپ)لەرنىڭ سانىدا يۇقىرى ئۆرلەش يۈزلىنىشى مەۋجۇت. ئۇنداق ئەپلەر ئادەتتە قىزىق نۇقتا قاناللىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ناۋادا يامان غەرەزلىكلەرنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ئابۇنتچىلار ئۇقماي، ئۇنىڭغا قىزىقىپ ۋە ئېزىپ ئالدىنىپ قېلىپ، ئۇنداق ئەپلەرنى توردىن چۈشۈرۈپ سېلىپ قاچىلاشقا قىزىقسا، ئابۇنتچىلارنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرىسى ۋە قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنلىرى دېگەندەك خۇسۇىسىي مەخپىيەتلىك ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىپلا قالماي، يەنە يامان غەرەزلىكلەرگە ھەق تۆلىۋېتىشتەك يوشۇرۇن خەۋپلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر