باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باجنى كېمەيتىش ھەقنى ئازايتىش تېخىمۇ زور كۆلەمدە يولغا قويۇلىدۇ

2019.04.17 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا بانكىسى گۇرۇھى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 4-ئاينىڭ 12-، 13-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندا 99 –نۆۋەتلىك تەرەققىيات كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزدى. مالىيە مىنىستىرى ليۇ كۈن تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر چۈشلۈك زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ليۇ كۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقۇرى سۈرەتتە ئېشىشتىن يۇقۇرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ تىز بۇرۇلۇش ياسىماقتا، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى داۋاملىق سەرخىللىشىپ دەرىجىسى ئۆسۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى سىجىل كۆرىنەرلىك ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىستېمالنىڭ تۈرۈتكىلىك رولى داۋاملىق كۈچەيمەكتە. بۇ يىل جۇڭگو ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، باجنى كىمەيتىش ھەقنى ئازايتىشنى زور كۆلەمدە يولغا قويدى؛ بىرىنچى پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلدى. جۇڭگو بازارغا ئىجازەتلىك كىرىش ئۆلچىمىنى داۋاملىق زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىدىن چىقىرىلغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، باجنى كىمەيتىش ھەقنى ئازيتىشنى تېخىمۇ زور كۆلەمدە يولغا قويۇپ، تېخىمۇ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مۇھىتى يارىتىدۇ؛ بۇ تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ ھەم ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان مۇستەقىل تاللىشى ھەم يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرۈتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر