باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ پايدىسى كۆرۈلدى

2019.04.17 08:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى شەھەرلەرنىڭ 2019-يىللىق مەملىكەتلىك پۇقراۋىي كارخانىلار ئىشقا قوبۇل قىلىش پائالىيىتى باشلاندى، پۇقراۋىي كارخانىلار، ئوتتۇرا كىچىك، مىكرو كارخانىلار، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلار توپى ۋە يېزىلاردا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچى، ئىش ئورنىدىن ئالماشقان، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى خىزمەتچىلەر مۇھىم نۇقتا قىلىنغان، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى سىياسىتى، نورمىلىق باجنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى، كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەش تولۇقلىما سىياسىتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىما سىياسىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پاراكتىكىسى تولۇقلىما سىياسىتى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قايتۇرۇش سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىدىغان بىرقاتار سىياسەت تىزىملىكى پات ئارىدا چىقىرىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەققىدە يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىرلەر چىقىرىلىدىكەن، سىياسەتلەر تېخىمۇ موللىشىدىكەن، كەسىپ، مالىيە باج، پۇل، مائارىپ قاتارلىق ماكرولۇق سىياسەتچلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ئاشۇرۇلىدىكەن، نۇقتىلىق ئامما توپىغا قارىتا دەل توغرا سىياسەت يۈرگۈزۈلۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقۇرى سۈپەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرىلىدىكەن، ئالايلۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مىقدارى چوڭ بولغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە قىسمەن ئەمگەك كۈچى زىچ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيادىغا كۈچەپ مەدەت بېرىلىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ساھەلەرگە ئىلھام بېرىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مالىيە باج تولۇقلىمىسى، قەرز پۇل ئېتىبارى قاتارلىقلار بىلەن تەمىن ئېتىلىدىكەن.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاد ئورنىنىڭ باشلىقى چېن گۇاڭجىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز ئىقتىسادى ۋە ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ بوشلۇقى ۋە كۆتۈرۈشچانلىق ئىقتىدارى يەنىلا ئىنتايىن چوڭ، كېيىنكى قەدەمدە ئېلىمىزنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرى ئىسلاھاتى يەنىمۇ تېزلىتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش شۇنداقلا قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، تېخىمۇ يۇقۇرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر