باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇدى ۋە قانات يايدۇردى

2019.04.17 08:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى ۋىدىيولۇق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جىددىي ۋەقەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مۇئاۋىن مىنىستىرى فۇ جيەنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئۆلۈم يتىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتى ئاساسلىقى سودا سارىيى بازىرى، كۆپ گەۋدە بىرلەشمە سورۇنى، ئەمگەك كۈجۈملەشكەن كارخانا، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، توپ ئىجارە ئۆي، مېھمانخانا، ئېگىز بىنا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، قۇرۇلۇش ئورنى قاتارلىق توققۇز خىل نۇقتىلىق سورۇنغا مەركەزلىك تارقالغان بولۇپ، ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەر بۇزۇلۇش، تارقاقلاشتۇرۇش يوللىرى راۋان بولماسلىق، باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق توققۇز خىل گەۋدىلىك خەۋپ - خەتەر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. نىشانلىق تۈزەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ ئۆلۈم يېتىم بولىدىغان ئوت ئاپىتى يۈز بەرمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، كەسىپىي تارماقلار، ئىجتىمائىي ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، مەخسۇس ھەرىكەتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس ھەرىكەت خىزمەت ئاپپاراتى ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كەسپىي تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈرلۈك سورۇنلارنى، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر